تۈركىيىدە "گوللاندىيىچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت" نەشر قىلىندى

ھازىر گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان رىزۋانگۈل مەخسۇم تۈزگەن "گوللاندىيىچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت" ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

0:00 / 0:00

بۇ لۇغەت 5000 غا يېقىن سۆزلۈك ۋە 5000 دىن ئارتۇق جۈملىدىن تەركىب تاپقان. بۇ لۇغەتكە تۇرمۇشتا كۆپ قوللىنىلىدىغان سۆزلەر ۋە دائىم ئۇچرايدىغان سۆزلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، تۈزگۈچى مەزكۇر لۇغەتنى ئۆزلۈكىدىن تىل ئۆگىنىدىغانلارنىڭ پايدىلىنىشىنى نىشان قىلىپ تۈزۈپ چىققان.

بىز بۇ لۇغەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن رىزۋانگۈل مەخسۈم ۋە ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.