گوللاندىيىدە بىر ئۇيغۇر پاناھلانغۇچى خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن توسۇپ قېلىندى

ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا، سىياسىي پاناھلىق ئۈچۈن گوللاندىيىگە كەلگەن بىر ئۇيغۇر قىزى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. ئۇ ئۇيغۇر قىز ئۆز ئەھۋالىنى مەلۇم قىلغاندا توغرا مەلۇمات بېرەلمىگىنى ئۈچۈن گوللاندىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى قىزنى خىتايغا قايتۇرۇشنى قارار قىلغان. ئۇ، 12 ‏- نويابىر كۈنى سائەت بىردە خوڭكوڭغا قايتۇرۇلماقچى بولغان.

0:00 / 0:00

گوللاندىيىدىكى شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ۋەقەدىن 8 سائەت بۇرۇن خەۋەر تاپقان. ئۇيغۇر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەقەگە جىددىي ئارىلىشىشى بىلەن ئايروپىلان ئۇچۇشتىن 15 مىنۇت كېچىكتۇرۇلگەن ۋە قايتۇرۇلۇش ئۈچۈن ئايروپىلانغا ئېلىپ چىقىلغان ئۇيغۇر قىزى ئايروپىلاندىن قايتىپ چۈشكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە گوللاندىيىدىكى شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ناسىر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

فىلىمنىڭ 2 - قىسمى.

فىلىمنىڭ 3 - قىسمى.