گوللاندىيىدە ھاياجان

20-يانۋار گوللاندىيە ئايرودرومىدا تېخى قۇياش كۆتۈرۈلمەستىلا قوللىرىغا كۆك بايراق ۋە دەستە-دەستە گۈل كۆتۈرۈۋالغان بىر توپ ئۇيغۇرلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2011.01.21
rabiye-qadir-yawropa-ziyaret-305.jpg «گوللاندىيە دىيانەت ئىشلىرى ۋەخپى» دىكى ئۇچرىشىشتىن قالدۇرۇلغان خاتىرە. 2011-يىلى 20-يانۋار.
RFA/Pidaiy

سەھەر تىمتاسلىقتىكى بىر شەھەر مۇساپىرلىقتا ۋەتەن-خەلقىنىڭ دەۋاسىنى قىلىۋاتقان بىر توپ يۈرەكنىڭ تىۋىشىگە قۇلاق سېلىۋاتقاندەك قىلاتتى. قارىغاندا ئۇيغۇرلار ئۆز بېشىنىڭ قەدرىنى بىلىدىغان، ھۆرمىتىنى قىلىدىغان سەۋىيىگە يەتكەن چېغى...

مانا بۇ تەسۋىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يەتتە دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر ھەپتىلىك خىزمىتىنىڭ تۇنجى كۈنى ۋە تۇنجى قەدىمى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەئىسى سېيت تۇمتۈرك ئەپەندى، باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، مۇئاۋىن باش تەپتىش نۇرمەمەت روزاخۇن ئەپەندى، تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى پەرھات يورۇڭقاش ئەپەندى قاتارلىق ئەزالاردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت، ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېلىپ، گوللاندىيىنىڭ دەنھاخ شەھىرىدىكى پارلامېنتىدا جەم بولدى. گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى خارى فان بوممىل ئەپەندى خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە مېھمانلارنى قوبۇل قىلدى ۋە سەمىمىي سۆھبەتلەشتى.

سۆھبەت جەريانىدا پارلامېنت ئەزاسى خاررىي فان ئەپەندى باشلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىققۇچىلار ۋە قوللىغۇچىلار رابىيە قادىر خانىم بىلەن زېچ ھەمكارلىشىش، ئۆز-ئارا قوللاش ۋە ياردەم بېرىش ھەققىدە كېلىشتى. بۇ سۆھبەتكە «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى»، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار ئىتتىپاقى» ۋە «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئەزالىرىدىن باشقا، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىمۇ قاتناشتى. سۆھبەت قىزغىن كەيپىياتتا ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلدى. سۆھبەت ئاخىرلىشىپ سىرتقا چىققاندا، ئاسماندىكى يۇلتۇزلار بىلەن يەردىكى چىراغلار بەسلىشىۋاتقاندەك جىمىرلايتتى...

rabiye-qadir-yawropa-ziyaret-385.jpg
گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى خارى فان بوممىل ئەپەندى خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە د ئۇ ق ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى.
RFA/Arslan

«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ھەيئىتى گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمراھلىقىدا، بۇ قېتىمقى پائالىيەتلەرنىڭ كۈن تەرتىپىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى» نىڭ باشلىشى بىلەن كەچقۇرۇن سائەت 7 دە، «گوللاندىيە دىيانەت ۋەخپى» نىڭ مەركىزى بىناسىدا كەچلىك زىياپەتكە قەدەم تەشرىپ قىلدى. «گوللاندىيە دىيانەت ئىشلىرى ۋەخپى»نىڭ رەئىسى بۈلەنت شەنئاي ئەپەندىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا تۈزۈلگەن بۇ زىياپەتكە تۈركىيىدىكى ئاق پارتىيىسىنىڭ رەئىس ياردەمچىسى، ئالمانىيە مىللەت ۋەكىلى ئاقىل گۈللە ئەپەندى، گوللاندىيە مىللەت ۋەكىلى ۋەيىس گۈنگۈر ۋە «گوللاندىيە نوغاي تۈركلىرى جەمئىيىتى»نىڭ ۋەكىلى بەيخان ئەبەي خانىم قاتارلىق ھەر ساھە ئەھلىلىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۆز-ئارا دوستلۇق، قېرىنداشلىق، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق مەقسەت قىلىنغان تۈرلۈك ساھەلەردە پىكىر ئالماشتۇردى ۋە ئەھدىلەشتى.

ئاقىل گۈللە ئەپەندىنىڭ ھېكىمەتلىك نەسىھەتلىرى، بۇلەنت شەنئاي ئەپەندىنىڭ قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرى ۋە مەدەتلىرى، بەيخان ئەبەي خانىملارنىڭ ئالىي تىلەكلىرى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ تىلى بىلەن بايان قىلىنغان نۇتۇقلار ئۇيغۇرلارنىڭ دەردلىك يۈرەكلىرىگە مەلھەم بولدى. سېيت تۇمتۈرك ئەپەندىنىڭ تەرجىمانلىقىدا يىغا بىلەن كۈلكىگە ئالمىشىپ تۇرۇۋاتقان سۆھبەتلەر باشتىن ئاخىرى قىزغىن كەيپىياتتا داۋام قىلىپ، ئىشتىراكچىلارنى مەمنۇن قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.