ئۇيغۇرلار ئامىستېردام شەھىرىدە مىللەتلەر مەدەنىيەت پائالىيىتىگە قاتناشتى

ئۇيغۇرلار گوللاندىيىدە ياشايدىغان چەتئەللىك مۇھاجىرلار ئىچىدە سانى ئەڭ ئاز مىللەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن گوللاندىيە جەمئىيىتىنىڭ تېز دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مۇھاجىرلار توپى.

0:00 / 0:00

گوللاندىيە جەمئىيىتى قىزىقىدىغان مەسىلىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز كىشىلىك ھوقۇقى ۋە سىياسى تەلىپىلا ئەمەس. بەلكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىدۇر.

ئۇيغۇرلار ئالدىنقى كۈنى گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مىللەتلەر مەدەنىيەت پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىدىن ئارىيەلەر ئورۇنلىغان شۇنداقلا ئامىستېردامدا ياشايدىغان 176 - مىللەت، دەپ قوبۇل قىلىنغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.