گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى خىتايلارغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى گوللاندىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دە گوللاندىيىنىڭ پايتەختى دەنھاك شەھرىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نامايىشنى گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ئويۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشقا گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان كۆپ ساندا ئۇيغۇر قاتناشقان.

0:00 / 0:00

قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۇرۇشكەن بۇ نامايىشچىلار، `خىتايلار يۇرتۇڭغا قايت`! `خىتايلار ۋەتىنىمىزنى قايتۇرۇپ بەرسۇن`!، `ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك` دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلارنى توۋلاشتى.

بەختىيار ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە نامايىش جەريانىدا كوچىلاردا كېتىۋاتقان كىشىلەرگە 500 ئەتراپىدا شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىمۇ تارقىتىلغان.

بىز بۇ نامايىش ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، نامايىشنى ئويۇشتۇرغان گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى باشلىقى بەختىيار ناسىر ۋە نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.