گوللاندىيىە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى نامايىش ۋە پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق، پەقەت ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.

0:00 / 0:00

گوللاندىيە ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقلىرى باشلانغاندىن بېرى، گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئىنتايىن ئاكتىپ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. ئۇلار ئارقا - ئارقىدىن نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ ھەم بىر ياقتىن گوللاندىيىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلارنى بۇ قېتىمقى ۋەقەلەر ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرماقتا.

8 - ئىيۇل كۈنى گوللاندىيە ئامېستىردامدىكى دان مەيدانىدا گوللاندىيىلىك ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىش ئېلىپ باردى. بۇ نامايىشقا گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

كېيىن بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان گوللاندىيىلىك ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى دەۋىد زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:"مەن بۈگۈن ئۇيغۇر دوستلىرىمغا ياردەم قىلىپ بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇردۇم. خىتايلار ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى بېرىشى كېرەك. بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىشى، خەلقئارادىكى تەرەپسىز تەشكىلاتلار رايونغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك."

نامايىش مەيدانىدا ئۇيغۇر دوپپىسى كىيىپ ۋە ئەتلەس شارپىسى ئارتىپ نامايىشقا قىزغىن ئاۋاز قوشقان گوللاندىيىلىك كارلا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ:"مەن بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا بولۇش ئۈچۈن نامايشقا چىقتىم. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمى ئۇزۇندىن بېرى داۋام قىلماقتا. ئەمما بۇنى ھېچكىم بىلمەيتتى. دۇنيا تىبەتلەرنى ياخشى بىلىدۇ. لېكىن ئۇيغۇرلارنى بىلمەيتتى. ئەمما بۇ قېتىم دۇنيا خىتايلارنىڭ زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدى. ئۇيغۇرلارنى بىلدى. مەنچە بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش. پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇلارغا ھېسداشلىق قىلىۋاتىدۇ،" دېدى.

گوللاندىيىدىكى ھەر قايسى تەشكىلاتلار بىرلىكتە نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. ئۇلار پائالىيەتلىرى داۋامىدا يەنە، گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى ھاررىي ۋان بوممې بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۇلاردىن ياردەم سورىغان.

غەيرەتجان ئەپەندى بىزگە بۇ ھەقتە مەلۇماتلار بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.