گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچىدىكى خىتايلار نامايىشىغا ئىنكاس بىلدۈردى

بۈگۈن 4 - سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن،گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن گوللاندىيىنىڭ پايتەختى ئامىستېردام شەھەر مەركىزىگە يىغىلىپ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ 2 - سېنتەبىردىن بۇيان ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىشىغا ئىنكاس بىلدۈرۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا يۇرتىدا تارتىۋاتقان دەردىنى گوللاندىيە خەلقىگە ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۇچۇن نامايىش ئېلىپ باردى.

0:00 / 0:00

2 - سېنتەبىر كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىكى خىتاي پۇقرالىرى ئۈرۈمچىدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئالدىغا يىغىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەنسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىغا ھەمدە ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ بۈگۈنكىدەك تۇراقسىز ھالەتكە كەلگەنلىكىگە نارازى بولۇپ نامايىش قىلغان ئىدى. بۈگۈن خىتايلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى نامايىشى 3 - كۈنىگە قەدەم قويغان بولۇپ، خىتايلارنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان بۇ نامايىشىغا قارىتا چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن گوللاندىيە ئۇيغۇرلىرى تۇنجى بولۇپ ئىنكاس بىلدۈردى.

نامايىش باشلىنىشتىن ئىلگىرى گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ خادىمى زەينىدىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامايىشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.

زەينىدىن ئەپەندى گوللاندىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نامايىش ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن گوللاندىيە ياشلىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، تەشۋىق ۋەرەقىلىرىنى تەييارلاپ تۈنۈگۈن كەچتە بۈگۈن گوللاندىيىنىڭ پايتەختى ئامىستېردام شەھىرىدە نامايىش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى، شۇ تاپتا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئامىستېردام شەھەر مەركىزىدىكى شەھەر ئاھالىسى ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە تەشۋىق ۋەرەقىلىرى تارقىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنى تارقىتىۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىزى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ شۇ تاپتىكى ھېسسياتىنى بايان قىلدى.

گوللاندىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ نامايىشى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 لەردە باشلاندى، نامايىشچىلارنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، نامايىشچىلار "ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تېررورچى، بىزگە ئەركىنلىك كېرەك" دېگەن شوئارلارنى توۋلاشتى.

نامايىش تەشكىللىگۈچىلىرىدىن زەينىدىن ئەپەندى،گەرچە شۇ تاپتا قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقان بولسىمۇ، نامايىشقا قاتناشقان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ كەيپىياتىنىڭ ناھايىتى يۇقىرىلىقىنى، يەرلىك گوللاندىيىلىكلەر ھەم چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭمۇ مەيداندىن ئايرىلماي نامايىشچىلارغا مەدەت بېرىۋاتقانلىقىنى، ھازىر گوللاندىيىدە خەلقنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تولىمۇ قىزىقىدىغانلىقىنى، ئېلىپ كەلگەن تەشۋىق ۋەرەقىلىرىنى گوللاندىيە پۇقرالىرى ئۆزلۈكىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى، گەرچە نامايىش ئۇچۇن بېرىلگەن ۋاقىت 2 سائەت بولسىمۇ، لېكىن ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارنى قوللاپ نامايىش ۋاقتىنى يەنە 1 سائەت ئۇزارتىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

زەينىدىن ئەپەندى، گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى بولۇپ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى نامايىشىغا ئىنكاس بىلدۈرۈۋاتقانلىقىدىن، ئۆزىنىڭ ھەم نامايىشقا قاتناشقان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۇچۇن ئىمكانىيەت يار بەرگەن تىرىشچانلىقلارنىڭ ھەممىنى قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا زەينىدىن ئەپەندى گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇھاجەرەتتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا مەدەت بېرىشكە، ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۇچۇن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇشقا چاقىرىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.