خىتايدا بايرام، چەتئەلدە نامايىش

ھەر يىلى ئۆكتەبىرنىڭ 1 - كۈنى جۇڭگودا تۈرلۈك ياسالما كەيپىياتلار بىلەن بايرام ئۆتكۈزۈلسە، چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غەزەپ - نەپرەتلىك نامايىش قىلىش ھەرىكەتلىرى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

ھەر يىلى ئۆكتەبىرنىڭ 1 - كۈنى جۇڭگودا تۈرلۈك ياسالما كەيپىياتلار بىلەن بايرام ئۆتكۈزۈلسە، چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غەزەپ - نەپرەتلىك نامايىش قىلىش ھەرىكەتلىرى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

جۈملىدىن گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئامىستېردام شەھىرىنىڭ دام مەيدانىدا توپلىشىپ نامايىش قىلىپ، خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەملىكە قىلىۋالغانلىقىغا قارىتا نارازىلىقنى بىلدۈردى.

پائالىيەتتە تۈرلۈك شوئارلار توۋلاندى. باياناتلار ئاڭلىتىلدى. خىتايلارنىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقلىرى كۆيدۈرۈلدى.

Golliniyide-1001-2010-namayish-1-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﯩﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 1 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ. (RFA Photo / Pidaiy)

مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىگىلىرى بولغان كېچىك ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭمۇ ئاتا - ئانىسىغا ئەگىشىپ، كۆك بايراقنى لەپىلدىتىشلىرى، ھەممەيلەننى ھاياجانغا سالدى.

1" - ئۆكتەبىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ماتەم كۈنى بولدى" دېگەن بۇ سۆزگە قارىتا ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر زىيالىي پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ يەردە ماتەم سۆزىنى قوللىنىش توغرا كەلمەيدۇ. ماتەم دېمەك ئۆلگەنلەرگە قىلىنىدىغان بىر ئەمەلنىڭ نامى. ئۇيغۇر تۈگىمەيدىكەن، بىزنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان ھەرگىز ئۆلمەيدۇ. ۋەتەننى ئۆلدى دېيىش خاتا. ۋەتەن ئۆلمەيدۇ. ئەگەر دېيىشكە توغرا كەلسە بۈگۈن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئىككىنچى قېتىم مۇستەملىكە قىلىنغان خاتىرە كۈن دېيىلىشى كېرەك. شۇنداقتىمۇ ۋاقىت مەسىلىسىدە يەنە ئىنچىكىلىسەك، بۇ خاتىرە كۈن 1949 - يىلى 1 - ئۆكتەبىر ئەمەس، بەلكى 1955 - يىلى 1 - ئۆكتەبىر دېيىلىشى لازىم. چۈنكى خىتايلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقرارى بويىچە ئېيتقاندىمۇ 1955 - يىلى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ جاكارلىغانلىقى ئەقەللىي پاكىت."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.