گوللاندىيىدە ئوخشىمىغان پارتىيىلەر سايلامغا قاتناشتى

بىر دۆلەتنىڭ قانۇن - تۈزۈلمىسى شۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ شەخسى ۋە كوللىكتىپ ھاياتىدا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللاردۇر. ئۇنداقكەن، كىشىلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىشى تەبىئىي.

0:00 / 0:00

گوللاندىيىدە بۇلتۇر 2009‏ - يىلى 2‏ - ئاينىڭ 20‏ - كۈنى ئافغانىستاندىكى ئەسكەرلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش مەسىلىسىدە كېلىشەلمەي پارچىلىنىپ كەتكەن ئۈچ پارتىيىلىك ھۆكۈمەت، مۇددەتتىن بۇرۇن چېكىنگەنلىكى ئۈچۈن، بۈگۈنگىچە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت دۆلەت باشقۇرۇپ كىلىۋاتقان ئىدى.

نۆۋەتتە، بارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بۇ ھەقتە قىزغىن مۇنازىرە داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بولغۇسى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىلەرنىڭ تۈرلۈك ئېقىملىرى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.