گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى رەھبەرلىرى ياۋروپا مۇسۇلمانلىرىنىڭ چوڭ پائالىيىتىگە قاتناشقان

گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى رەھبەرلىرى ئالاھىدە تەكلىپكە بىنائەن گوللاندىيىنىڭ ئامستېردام شەھىرىدىكى 60 مىڭ كىشى پاتىدىغان تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قۇتلۇقلاش پائالىيىتىگە قاتناشقان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.04.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
-Gollandiyide-paaliyet-ali-bardaqoghlu-imam-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 4 - ﻛﯜﻧﻰ ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺴﺘﯧﺮﺩﺍﻡ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﻗﯘﺗﻠﯘﻗﻼﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

2010 - يىلى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە، تۈركىيە دىنى ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى مۇرات بارداقئوغلۇ ئەپەندى، شۇنداقلا ياۋروپادىكى يۈزلەرچە تۈرك ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ھەم تۈركىي مىللەت مۇسۇلمانلىرىدىن بولۇپ 40 مىڭ ئەتراپىدا مۇسۇلمان قاتناشقان.

بۇ يىغىندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان ماقالە ئېلان قىلىنغان "ياۋروپا مۇسۇلمانلىرى مۇنبىرى" ناملىق ژۇرنال تارقىتىلغان ۋە ئۇيغۇر ۋەكىللەرگە سەھنىدىن ئالاھىدە يەر بېرىلگەن.

بۇ پائالىيەتنىڭ گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلىشىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ ئۇيغۇرلار بۇ پائالىيەتتە نېمىلەرنى قىلدى؟ بۇ ھەقتە گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.