0:00 / 0:00
2010 - يىلى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە، تۈركىيە دىنى ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى مۇرات بارداقئوغلۇ ئەپەندى، شۇنداقلا ياۋروپادىكى يۈزلەرچە تۈرك ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ھەم تۈركىي مىللەت مۇسۇلمانلىرىدىن بولۇپ 40 مىڭ ئەتراپىدا مۇسۇلمان قاتناشقان.
بۇ يىغىندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان ماقالە ئېلان قىلىنغان "ياۋروپا مۇسۇلمانلىرى مۇنبىرى" ناملىق ژۇرنال تارقىتىلغان ۋە ئۇيغۇر ۋەكىللەرگە سەھنىدىن ئالاھىدە يەر بېرىلگەن.
بۇ پائالىيەتنىڭ گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلىشىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ ئۇيغۇرلار بۇ پائالىيەتتە نېمىلەرنى قىلدى؟ بۇ ھەقتە گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.