بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە گوللاندىيە ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى غەيرەتجان ئەپەندىم ۋە گوللاندىيە ئالمىر شەھەرلىك پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇش مەركىزىدىن كولەتتې فابىر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
كولەتتى فابىر خانىم بۇ مەدەنىيەت - سەنئەت پائالىيىتىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "ئۇيغۇرلار ئىنتايىن ئەدەپلىك، باشقىلارنى ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىدىغان خەلق ئىكەن. مەن بۇرۇن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا جىق نەرسە بىلمەيتتىم. لېكىن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، يېمەك - ئىچمەكلىرى، ئۇلارنىڭ ھازىر خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ئىكەنلىكىگە دائىر جىق نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. ماڭا ئوخشاش پائالىيەتكە قاتناشقان نۇرغۇن كىشىلەرمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە جىق نەرسە بىلمەيتتى. ئۇلار ھەتتا ئاڭلاپمۇ باقمىغان. لېكىن شۇ كۈندىكى پائالىيەتتە ئۇلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندى، ئۇيغۇرلارنى بىلدى. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشتى."
كولەتتې خانىم پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى قىزىقىپ كۆرگەنلىكىنى ۋە بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "بۇ سەنئەت نومۇرلىرى ئىنتايىن ياخشى ئىدى. ھەممىمىز ئىنتايىن قىزىقىپ كۆردۇق. ھەممىمىز ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى ئىنتايىن دىققەت بىلەن ئاڭلىدۇق. بىزنىڭ ئاساسى مەقسىتىمىز كىشىلەرگە بۇ مەدەنىيەتنى تونۇشتۇرۇش، بىلمىگەنگە بىلدۈرۈش ئىدى. بەزى كىشىلەردە خاتا چۈشەنچىلەر بار. بىز بۇ خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق مانا بۇ خىل خاتا چۈشەنچىلەرنى يوقىتىشنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مانا مۇشۇنداق گۈزەل ئالاھىدىلىكلىرىنى، مەدەنىيىتىنى، سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلدۇق."
قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر، سىلەر يۇقىرىدا گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت - سەنئەت كۈنى ھەققىدىكى سۆھبەت پروگراممىسى بىلەن تونۇشتۇڭلار.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.