0:00 / 0:00
بۇ يىغىنغا گوللاندىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ مەسۇللىرى، گوللاندىيە ئۇيغۇر سۇپپورت گۇرۇپپىسىنىڭ مەسۇللىرى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەسۇللىرى، گوللاندىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرك ئاممىۋى تەشكىلات مەسۇللىرىمۇ قاتناشقان.

يىغىندا ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم بېرىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ قارار ماقۇللانغان. گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى ھارري ۋان بوممەل بۇ يىغىندا يەنە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش كۇلۇبىنى قۇرۇپ چىققان.
بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.