گوللاندىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتيىسى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن چاقىرغان

4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كەچ سائەت 7 دە ئامستېردام شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ يىغىن زالىدا گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى ھارري ۋان بوممەل باشچىلىقىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يىغىن چاقىرىلغان.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىنغا گوللاندىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ مەسۇللىرى، گوللاندىيە ئۇيغۇر سۇپپورت گۇرۇپپىسىنىڭ مەسۇللىرى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەسۇللىرى، گوللاندىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرك ئاممىۋى تەشكىلات مەسۇللىرىمۇ قاتناشقان.

Gollandiye-parlament-ezasi-van-bomel-Uyghurlar-bilen-305.jpg
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 4 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 19 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻣﺴﺘﯧﺮﺩﺍﻡ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺯﺍﻟﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ، ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﻫﺎﺭﺭﻱ ﯞﺍﻥ ﺑﻮﻣﻤﻪﻝ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﯩﻤﻪﻥ ﺩﻭﭘﭙﺎ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. (RFA Photo / Erkin Tarim)

يىغىندا ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم بېرىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ قارار ماقۇللانغان. گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى ھارري ۋان بوممەل بۇ يىغىندا يەنە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش كۇلۇبىنى قۇرۇپ چىققان.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.