گوگۇل شىركىتى خىتايدىكى ئىزدەش مۇلازىمېتىرىنى خوڭكوڭدىكى مۇلازىمېتىرىغا يۆتكىدى

ئۆتكەن ئىككى ئايدىن بېرى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە خىتاي تەرەپ بىلەن تىركىشىپ كېلىۋاتقان Google شىركىتى دۈشەنبە كۈنى خىتايدىكى ئىزدەش مۇلازىمېتىرىنى تاقاپ، ئىزدەش مەنبەسىنى خوڭكوڭدىكى مۇلازىمېتىرىغا يۆتكىگەن. نەتىجىدە خىتايدا Google دىن پايدىلىنىپ توردا ئۇچۇر ئىزدىگۈچىلەر خىتايدا ئىلگىرى چەكلەنگەن بەزى ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيدىكەن. ھالبۇكى بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يەنە قانچىلىك داۋاملىشىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

0:00 / 0:00

ئەڭ چوڭ ئىزدەش ماتورى شىركىتى Google 22 - مارت دۈشەنبە كۈنى، ئۆزىنىڭ خىتايدىكى ئىزدەش مۇلازىمېتىرىنى خوڭكوڭغا يۆتكەلگەنلىكى ھەققىدە تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ: " بۈگۈن بىز ئىزدەش مۇلازىمېتىرىمىزگە قارىتىلغان سۈزگۈچكە خاتىمە بەردۇق. Google. cn( يەنى Googleنىڭ خىتايدىكى مۇلازىمېتىرى) نى ئىشلەتكۈچىلەر ھازىر خوڭكوڭغا جايلاشقان ھازىرقى زامان خىتاي تىلدىكى سۈزگۈچسىز مۇلازىمېتىرىمىز(Google.hk)غا يوللىنىدۇ" دەپ جاكارلىدى.

Google نىڭ خىتايدىكى ئىزدەش مۇلازىمېتىرىنى توختىش قارارى خىتاي دائىرىلىرىنى غەزەپلەندۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، Google 2006 - يىلى خىتاي بازىرىغا كىرگەندە خىتاينىڭ ئىنتېرنېت چەكلىمىلىرىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۈگۈن خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى ئاخبارات ئىشخانىسى بايات ئېلان قىلىپ، Google نى ئۆز ۋەدىسىدە تۇرماسلىق بىلەن ئەيىبلىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، خىتاي دۆلەت ئىشلار كابىنېتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: " بۇ پۈتۈنلەي خاتا بولدى. بىز سودا مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا پۈتۈنلەي قارشى. بىز Google نىڭ ئاساسسىز ئەيىبلەشلىرى ۋە ئورۇنسىز قىلمىشلىرىدىن نارازى بولغان ۋە غەزەپلەنگەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمىز".

ھالبۇكى، گۇگۇل مەزكۇر قارارنى ئالغاندىن كېيىن خىتايدىكى بىر قىسىم كىشىلەر گۇگۇلنىڭ بېيجىڭدىكى ئىشخانىسى ئالدىغا كېلىپ گۇگۇل ۋىۋىسكىسىنىڭ ئۈستىگە شاكىلاتلارنى قويۇپ گۇگۇلنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاي كومپارتىيىسى خالىمايدىغان: تيەنئەنمېن ۋەقەسى، دالاي لاما، رابىيە قادىر ۋە فالۇنگوڭغا ئالاقىدار سەزگۈر مەزمۇنلارنىڭ خىتايدا ئېچىلىشىنى چەكلەپ كەلگەن. بۇ خىل چەكلەش تەلەپلىرى گۇگۇل ئىزدەش ماتورىغىمۇ قويۇلغان بولۇپ، گۇگۇل ئۆتكەنكى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان خىتاي بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە ئىدى.

ئىككى ئايدەك خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئىنتېرنېت چەكلىمىسى مەسىلىسىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ نەتىجە قازىنالمىغاندىن كېيىن، گۇگۇل خىتايدىكى ئىزدەش مۇلازىمېتىرىنى تاقاش قارارى ئالدى.

گۇگۇلنىڭ مەزكۇر قارارى ھەققىدە توختالغان ئەركىنلىك سارىيى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى روبېرت گېررا، بۇنىڭ گۇگۇلنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى قوللايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇچۇرنى بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: " بۇ گۇگۇلنىڭ ئەركىن ئۇچۇر ۋە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى قوللايدىغانلىقىدىن ئىبارەت سىگنالنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، چەتئەل يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلى خىتايدا سودا قىلىشتا قىيىنچىلىقلارغا يولۇققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەتتا گۇگۇلدەك چوڭ شىركەتلەرمۇ خىتايدىكى ئېغىر چەكلىمىلەر تۈپەيلى ئىزدەش ماتورى سودىسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالدى".

روبېرت گېررا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە يەنە، گۇگۇلنىڭ خىتايدىكى ئىزدەش مۇلازىمېتىرىنى يۆتكىشى، خىتاي ئىچىدىكى ئابۇنتلارنى ئىنتېرنېت شەخسىيىتى بىخەتەرلىكى، ئۇچۇر ئالاقە بىخەتەرلىكى قاتارلىق ئامىللارنىڭ سوئاللار دۇنياسىغا باشلايدىكەن.

سەيشەنبە كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار بايانچىسى چىڭ گاڭ گۇگۇلنىڭ خىتايدىن چىقىپ كېتىش قارارى ھەققىدە كۆپ توختالمىغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.

ھالبۇكى، ئەركىنلىك سارىيى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى روبېرت گېررا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئىنتېرنېتنىڭ ئوچۇق بولۇشى ئىنتېرنېت ئەركىن قويۇۋېتىلگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن. روبېرت گېررا: " بۇ، خىتاينىڭ ئىنتېرنېتنى ئوچۇق قۇيۇۋەتتۇق دېگىنى يۇقىرىقى خىتاي ئەمەلدارىنىڭ قانداق چۈشىنىدىغانلىقىغا باغلىق مەسىلە. ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى بولسا تورغا كىرىشنىلا ئەمەس بەلكى، ئوچۇق - ئاشكارا، قانۇنىي مۇھىتقا كىرىش دېگەندىن ئىبارەتتتۇر. ئۇنىڭدا سىزنىڭ شەخسىيىتىڭىز ۋە بىخەتەرلىكىڭىز كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولۇشى كېرەك".

Google خىتايدىكى ئىزدەش مۇلازىمېتىرنى توختىتىپ، خىتايدا گۇگۇل ئىشلەتكۈچىلەرنى خوڭكوڭ مۇلازىمېتىرىغا يوللاپ قويغان بولسىمۇ، خىتايدىكى ئىزدەش مۇلازىمىتىدىن باشقا سودىسىنى يەنە داۋا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۈگۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گۇگۇلنىڭ خىتايدىكى ئىزدەش مەنبەسىنى خوڭكوڭغا يوللاش مەشغۇلاتى بىر نەچچە سائەت داۋام قىلغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان.

خىتاي ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئالاقىسى ئەڭ قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ يىللىق دوكلاتلىرىدا خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى بوغۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئەيىبلەنمەكتە ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر تورچىلىقىغىمۇ قاتتىق زەر بەرگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئىلىدىكى بارلىق تور بەتلىرىنى تاقىۋەتكەندىن سىرت، نوپۇز تىكلىگەن " دىيارىم"، "شەبنەم" ۋە " سەلكىن" قاتارلىق ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بەتلىرىنى پۈتۈنلەي تاقاپ، تور ئىگىسى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنى قولغا ئالغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.