گۆرۈگە ئېلىنغان خىتايلارنى قويۇپ بېرىشنىڭ شەرتى خىتاي شېركەتلىرىنىڭ رايوندىن چىقىپ كېتىشىدۇر

لوندوندا چىقىدىغان " ئوتتۇرا شەرق" گېزىتىنىڭ 2008 - يىلى 24 - ئۆكتەبىر جۈمە كۈنىدىكى سانىدا، مۇستافا سېرىنىڭ قەلىمى بىلەن " ئېلىپ قېچىلغان خىتايلارنى قويۇپ بېرىشنىڭ شەرتى خىتاي شېرىكەتلىرىئىڭ رايوندىن چىقىپ كېتىشىدۇر" دېگەن تېمىدا بىر ماقالا ئېلان قىلغان.

0:00 / 0:00

ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:" مۇندىن بىر ھەپتە ئىلگىرى سۇداننىڭ كوردوۋان ۋىلايىتىدىكى خىتاي نېفىت شىركەتلىرىنىڭ ئادەملىرىدىن 9 نەپەر خىتاي پۇقراسى رايوندىكى" ئادالەت ۋە باراۋەرلىك" پارتىيىسىنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن قاچۇرۇلغان بولۇپ، نامەلۇم تەرەپكە ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى. مەزكۇر خىتايلارنى قاچۇرغانلارنىڭ مەسئۇلى ئەبۇ ھۇمەيد ئەھمەد "ئوتتۇرا شەرق" گېزىتى تەھرىرات بۆلۈمى بىلەن قول تېلېفونى ئارقىلىق سۆزلەشكە سۆھبىتىدە، قاچۇرۇلغانلارنى قويۇپ بېرىشنىڭ بىردىنبىر شەرتى خىتايلارنىڭ پۈتۈن نېفىت شىركەتلىرىنى رايوندىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، مۇندىن باشقا ھېچقانداق بىر چارە مەزكۇر 9 نەپەر خىتاينى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە قاچۇرۇلغانلارنىڭ تېنى ساق، ئىنسانىي مۇئامىلە كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەبۇ ھۇمەيد "ئوتتۇرا شەرق " گېزىتى مەسئۇللىرىنىڭ قاچۇرۇلغان 9 نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ ھازىر نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىغا ، " ئۇلار كوردوۋان ۋىلايىتىدىن يىراقلىشىپ كەتمىگەن، ئۇلار بۇ ۋىلايەتتە بار" دەپ جاۋاب بېرىش بىلەن كۇپايە قىلغان."

بۇ قېتىمقىسى ئۈچىنچى قېتىملىق خىتاي قاچۇرۇش ۋەقەسى

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:" رايوندا بۇ قېتىمقى خىتاي قاچۇرۇش ۋەقەسى ئۈچىنچى قېتىملىق قاچۇرۇش بولۇپ، مۇندىن ئىلگىرىمۇ ئىككى قېتىم خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ ئادەملىرى قاچۇرۇلغان ئىدى. ئاخىرقى ئون يىل مابەينىدە سۇداندا خىتايلارنىڭ سانى پەۋقۇلئاددە كۆپىيىپ كەتتى. مۇنداق كېتىۋەرسە ئاھالىلارنى تەھدىت ئاستىغا ئېلىشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا. شۇڭا سۇداندىكى خىتايلار كۆپ يەرلەشكەن رايونلارنىڭ ئاھالىلىرى ئۇلارغا قارشى تۇرىدىغان بولغان ۋە ئۇلارنى رايوندىن قوغلاپ چىقىرىشنىڭ چارە - تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاخىرى ئۇلارنى ئېلىپ قېچىش ئارقىلىق تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنى رايوندىن چىقىرىشنى مەخسەت قىلغان بولىشى ئېنىق. شۇڭا 2004 - يىلى سۇداننىڭ دارفور ۋىلايىتىدە ئىككى نەپەر خىتاي رايوندىكى قۇراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن قاچۇرۇلغان، يەنە شۇ يىلى كوردوۋان ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىن "ئابدۇللا پەزلۇللا" ناملىق قۇراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن 4 نەپەر خىتاي قاچۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلاردىن ئۈچ نەپىرى كېيىنچە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بىر نەپىرىنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان."

سۇداندا خىتاينىڭ 100دىن ئارتۇق شىركىتى بار

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ھازىر سۇداندا 8 مىڭدىن كۆپرەك خىتاي بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خارتۇم، كوردوۋان ۋە جەنۇبى رايونلاردا نېفىت قېزىش ئىشىدا ئىشلەيدىكەن. يەنە بىر قىسمى كۆۋرۈك سېلىش، يول ياساش قاتارلىق ئىشلاردا ئىشلەيدىكەن. سۇداندا خىتاينىڭ 100دىن كۆپرەك شىركىتى ئىشلەيدىكەن، سۇدان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يىللىق سودىنىڭ ھەجمى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىكەن. بۇ سودىنىڭ ئاساسلىقى نېفىت سودىسى ئىكەن."