گرۇزىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى توقۇنۇش خەلقئارالىق ھەل قىلىش باسقۇچىغا كىردى

رۇسىيە قوراللىق قوشۇنلىرىنىڭ 8 - ئاۋغۇستتا گرۇزىيىگە قاراتقان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە، رۇسىيە ئارمىيىسى جەنۇبىي ئاسسېتىيە رايونلىرىنى ئىشغال قىلغاندىن سىرت يەنە گرۇزىيىنىڭ غەربىي تەرىپىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، پايتەخت تىبلىسقا يېقىنلاشقان جىددىي بىر پەيتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن رۇسىيە بىلەن گرۇزىيە ئارىسىدىكى ئۇرۇش توختاپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا سۆھبەتلىشىش ۋەزىيىتى يارىتىلدى.

0:00 / 0:00

دېمەك، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ دىققىتى كاۋكازىيىدىكى مەزكۇر ئىستراتېگىيىلىك ئورنى مۇھىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان جۇمھۇرىيەت گرۇزىيىگە قارىتىلدى.

رۇسىيە بىلەن گرۇزىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى

رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ گرۇزىيىگە قاراتقان ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئېلىپ بارغان ھەربىي ئوپېراتسىيىلىرى تۆتىنچى كۈنىگە كىرىپ، رۇسىيە قوشۇنلىرى جەنۇبىي ئاسسېتىيە ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى بىر قىسىم جايلارنى تىزگىنلەپ، تىبلىسقا تەھدىت سېلىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن، گرۇزىيىنىڭ دۆلەت مەۋجۇتلۇقى ھالقىلىق پەيتكە توغرا كەلگەندە، گرۇزىيە پرېزىدېنتى مىخائىل ساكاشىۋېلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدىكى تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قوشۇنلىرىنى ئۇرۇش توختىتىشقا بۇيرىغان ئىدى. سەيشەنبە كۈنى فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزىي موسكۋاغا يېتىپ كېلىپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رۇسىيە تەرەپنىڭ قوشۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، دەرھال تىبلىسقا يېتىپ كېلىپ، گرۇزىن پرېزىدېنتى مىخائىل ساكاشىۋېلى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە 6 تۈرلۈك ئۇرۇش توختىتىش لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئالدى. ئارقىدىنلا، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۆز ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئالتە تۈرلۈك پرىنسىپ، ئىككى تەرەپ قورال ئىشلىتىشنى توختىتىش، بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ كېلىشىگە يول قويۇش، گرۇزىيە قوشۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى ئورنىغا قايتىش، رۇسىيە قوشۇنلىرى توقۇنۇشتىن ئىلگىرىكى جايلىرىغا قايتىش ۋە جەنۇبىي ئاسسېتىيە ھەم ئابخازىيىدىن ئىبارەت ئىككى رايوننىڭ كېلەچىكىنى سۆھبەت ئارقىلىق قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، رۇسىيە ۋە گرۇزىيە تەرەپ دەسلەپكى قەدەمدە بۇ پرىنسىپقا ئەمەل قىلىپ، قوشۇنلىرىنى ئۇرۇش نۇقتىلىرىدىن چېكىندۈرۈشكە باشلىغان شۇنىڭدەك مەزكۇر ئالتە تۈرلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنستىرىغا يوللاپ بېرىلگەن.

ئۇرۇش توختىشىمۇ داۋاملىق ھەربىي ھەرىكەت بولماقتا

چارشەنبە كۈنىدىكى غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە گەرچە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئۇرۇش توختىتىش پۈتۈشۈلگەن ھەمدە رۇسىيە تەرەپ ھەربىي ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن، گرۇزىيە تەرەپ رۇسىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ يەنىلا گورى شەھىرى قاتارلىق جايلارنى بومباردىمان قىلغانلىقى، ھەتتا، ئەسكەر باسقان ماشىنىلار ۋە تانكىلارنىڭ تىبلىس تەرەپكە يۈرۈۋاتقانلىقىدىن ئۇچۇر بەرگەن . بىراق، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف بۇ ئۇچۇرلارنى ئىنكار قىلىپ، رۇسىيە ھەربىي ھەرىكەتنى توختاتقانلىقىنى يەنە ئەسكەرتكەن. نۆۋەتتە، گرۇزىيىدىكى ئۇرۇش جىددىيلىكى تېخى تۈگىمىگەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى يەنىلا جىددىي ھالەتتە تۇرماقتا.

سەيشەنبە كۈنى رۇسىيە بىلەن كۆپ مەسىلىلەردە تىركىشىپ كېلىۋاتقان ئۇكرائىنىيە، پولشا ۋە بالتىق دېڭىز بويىدىكى لاتۋىيە، لىتۋا، ئېستونىيە قاتارلىق بەش دۆلەت باشلىقلىرى تىبلىسقا يېتىپ كېلىپ، گرۇزىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە تىبلىستا ئېچىلغان ئاممىۋى يىغىنغا قاتناشقان. مەزكۇر بەش دۆلەت گرۇزىيىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

گرۇزىيە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى

رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گرۇزىيە بىر تەرەپتىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، رۇسىيە بىلەن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ رۇسىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى رەسمىي جاكارلىدى.

مىخائىل ساكاشىۋېلى، سەيشەنبە كۈنى گرۇزىيىنىڭ ئەمدى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا تەۋە ئەمەسلىكى، ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە باشقا ئەزا دۆلەتلەرنىمۇ مەزكۇر تەشكىلاتتىن چىقىپ كېتىشكە چاقىرغان. زاتەن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى مەسىلىسى كۈنسايىن مۇرەككەپلەشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆتكەندە ئېچىلغان يىغىنىغا گرۇزىيە ۋە باشقا بىر قانچە دۆلەت باشلىقلىرى ئىشتىراك قىلمىغان ئىدى.

رۇسىيىنىڭ "مۇستەقىللىق" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساكاشىۋېلىنىڭ چاقىرىقىغا نىسبەتەن ئۇكرائىنىيە ۋە ئەزەربەيجان قوللاش پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، مەزكۇر ئىككى دۆلەت رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىگە ھەربىي ھۇجۇم قوزغىشىنى ئىزچىل ئەيىبلىگەن ئىدى. ئەمما، قازاقىستان تەرەپ مۈجىمەل جاۋاب بەرگەن، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان بولسا، جىم تۇرۇۋالغان. تۈركمەنىستان بۇرۇنقى ئەنئەنىسى بويىچە ئۆزىنى بىتەرەپ دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، ئومۇمەن، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىگە ھەربىي ھۇجۇم قوزغىشىغا سۈكۈت قىلىپ، رۇسىيىنى تەنقىدمۇ قىلمىغان ياكى ماختىمىغان. كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئەھۋالنىڭ مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىشماقتا.

گرۇزىيە رەھبىرى ساكاشىۋېلى ئۆز دۆلىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ تەشكىلاتتىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، " مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى رۇسىيە باشلامچىلىق قىلىۋاتقان تەشكىلات، ھازىرقى گرۇزىيىنىڭ ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى گرۇزىيە ئۈچۈن قوبۇل قىلىنمايدۇ" دەيدۇ. ئۇ، جەنۇبىي ئاسسېتىيە بىلەن ئابخازىيىنىڭ يەنىلا گرۇزىيىنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، "بۇ ئىككى جاي رۇسىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان گرۇزىيە زېمىنلىرى " دەپ جاكارلىدى شۇنىڭدەك رۇسىيە قوشۇنلىرىنى تاجاۋۇزچى دەپ ئەيىبلىدى. رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ بولسا، رۇسىيىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى ئىزاھلاپ، "رۇسىيە گرۇزىيىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ھۆرمەت قىلىدۇ، ئەمما، بۇ دېگەنلىكى گرۇزىيە ئۆزى خالىغاننى قىلسا بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، گرۇزىيىدىن ئايرىلىشنى ئىستەۋاتقان جەنۇبىي ئاسسېتىيە ۋە ئابخازىيىدىكى خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ گرۇزىيە تەۋەسىدە قېلىش - قالماسلىقنى ئۆزلىرى بەلگىلەيدۇ." دەيدۇ.

رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" ئۇچۇر تورىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، رۇس تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروپ، ئالتە تۈرلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى مەسىلىسىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمىنىڭ ئالتىنچى ماددا ئىكەنلىكى، بۇ قېتىم مەزكۇر ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە بىلەن بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلىشىشكە ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا جەنۇبىي ئاسسېتىيە بىلەن ئابخازىيىنىڭ سىياسىي تەقدىرى ھەققىدە كېلىشىم تۈزۈشكە تىرىشماقتا ئىكەن. لېكىن، مۇستەقىللىقنى ئارزۇ قىلىۋاتقان جەنۇبىي ئاسسېتىيە بىلەن ئابخازىيە رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ گرۇزىيە تەۋەسىدە قالمايدىغانلىقى ۋە بۇ مەسىلە ھەققىدە گرۇزىيە تەرەپ بىلەن سۆھبەتلەشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دېمەك، ئۇلار ئۈچۈن بۇ قېتىم بىرلا يول يەنى مۇستەقىللىق تاللانغان !

تۆت كۈنلۈك ئۇرۇشتا قانچىلىك ئادەم ئۆلدى ؟

13 - ئاۋغۇست كۈنىنى رۇسىيە ۋە گرۇزىيە ئوخشاشلا ماتەم كۈنى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، بەش كۈنگە يەتكەن توقۇنۇش جەريانىدا، 170 نەچچە نەپەر گرۇزىن ھەربىي خادىمى، 70 نەپەر رۇسىيە ھەربىي خادىمى ۋە بىر نەپەر گېنېرال لېيتېنانت ئۇنۋانىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولغان. يەنە ئىككى تەرەپتىن خېلى كۆپ ساندا ئادەم ئەسىرگە ئېلىنغان، ئۇرۇش جەريانىدا 1600 دىن ئارتۇق پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ ئومۇمى سانى 2000 غا يەتكەن.

رۇسىيە مىللەتچىلىرى ۋە بىر قىسىم سىياسىيونلىرى جەنۇبىي ئاسسېتىيە بىلەن ئابخازىيىنى ئۈزۈل - كېسىل مۇستەقىل قىلىش تەشەببۇسلىرىدا چىڭ تۇرغان بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى گرۇزىيىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە مەزكۇر ئىككى رايوننىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى قوللىمايدۇ. شۇڭا، ئامېرىكا رۇسىيىنى بۇ ئۇرۇش بىلەن ئەيىبلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا باشلىق غەربنىڭ كاۋكازىيىدىكى تەسىرىگە زەربە بېرىپ، ئۆزىنىڭ رايوندىكى تەسىرىنى قايتىدىن كۈچەيتمەكچى بولۇۋاتقانلىقى دەپ پەرەز قىلىشماقتا.