رۇسىيە قوشۇنلىرى چېكىنىشكە باشلىدى

شەنبە كۈنى فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىينىڭ ۋاستىچىلىقى ھەمدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندا لىزا رايىسنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن رۇسىيە بىلەن گرۇزىيە رەسمىي ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، رۇسىيە دۈشەنبە كۈنى قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈشكە باشلىغان.

0:00 / 0:00

رۇسىيە بېسىم ئاستىدا قوشۇن چېكىندۈردى

كېلىشىم بويىچە رۇسىيە ئوز قوشۇنلىرىنى گرۇزىيىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشى كېرەك ئىدى. بىراق، چەتئەل ۋە گرۇزىيە كۆزەتكۈچى لىرى رۇسىيىنىڭ تېخى ئەسكەر چېكىندۈرمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان. رويتېرىسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساركوزىي مېدۋېدېۋدىن كېلىشىمگە رىئايە قىلىپ، قەتئىي تۈردە قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەندە مېدۋېدېۋ دۈشەنبىدىن ئېتىبارەن قوشۇن چېكىندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا، گېرمانىيە رەھبەرلىرىمۇ رۇسىيىنىڭ قوشۇن چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە قوشۇنلىرى دۈشەنبە كۈنى چېكىنىشكە باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيە باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ بىر قوماندانى ئەگەردە ھۆكۈمەت تەرەپ قوشۇلسا، رۇسىيىنىڭ يەنىلا گرۇزىيىگە تەۋە مەلۇم بىر جايدا رۇسىيە ھەربىي بازىسى قۇرۇپ، 4 مىڭ ئەتراپىدا تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى تۇرغۇزۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن. گرۇزىيىلىكلەرمۇ رۇسىيىنىڭ بىراقلا ئۆز قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىشقان ئىدى. پرېزىدېنت ساكاشىۋېلى گرۇزىيىنىڭ رۇسىيىگە بىر غېرىچ يېرىنىمۇ بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشمۇ رۇسىيىنىڭ جەنۇبىي ئاسسېتىيە ۋە ئابخازىيىدىن ئىبارەت ئىككى جاينى مۇستەقىل قىلىپ ئايرىۋېتىشنى ئويلاشماسلىقى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى گرۇزىيىنىڭ پارچىلىنىشىنى قوللىمىغان.

كونا قەرتنىڭ يېڭىدىن ئوينىلىشى

گرۇزىيە تەۋەسىدىكى ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئاسسېتىيە گرۇزىيە مۇستەقىل بولغان ۋاقىتلاردىلا مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بولۇپ، بۇ ئىككى جاي بىۋاسىتە رۇسىيە بىلەن قوشنا. لېنىن ۋە ستالىنلارمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20 - 30 - يىللىرىدا گرۇزىيىنىڭ خەرىتىسىنى بېكىتكەندە، بىر پۈتۈن ئاسسېتىن مىللىتىنى ئىككىگە ئايرىپ، ئاسسېتىنلارنىڭ بىر قىسىمىنى گرۇزىيە تەۋەسىدە قالدۇرۇپ، ئۇلارغا ئاپتونوم ئوبلاست، يەنە بىر قىسىمىنى رۇسىيە تەۋەسىدە قالدۇرۇپ، ئۇلارغا ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئابخازلارغىمۇ ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇ ئىككى جاي ئەزەلدىنلا گرۇزىيىنىڭ مۇرەككەپ ۋە ئاجىز نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن ئىدى.

تەھلىلچىلەر گرۇزىيە مۇستەقىل بولۇپ، بۇ دۆلەتتە رۇسىيىگە قارشى مىللەتچىلىك كۈچەيگەندە ھەمدە رۇسىيە تەسىرىنى سىقىپ چىقىرىش ھەرىكەتلىرى ئەۋجى ئالغاندا، رۇسىيىنىڭ مەزكۇر جايلارنى قوللاپ، تىبلىسقا قارشى قويغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ. نۆۋەتتە، ئاسسېتىنلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قولىدا رۇسىيە پاسپورتى بار. ساكاشىۋېلى ھاكىمىيەتكە چىققاندىن كېيىن غەرب بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، رۇسىيە بىلەن كۆپ جەھەتلەردىن رىقابەتلىشىپ قالغان ھەتتا ناتو غا كىرىشكە ھەرىكەت قىلغان ئىدى.

رۇسىيە نېمە ئۈچۈن ھۇجۇم قوزغىدى؟

رۇسىيىنىڭ ئۇرۇش قوزغىشىدىكى تۈپ سەۋەبلەر ھەققىدە ئامېرىكا ئاۋازىدا توختالغان غەربلىك مۇلاھىزىچى ئارىل كوئېن رۇسىيىنىڭ كاۋكازىيىدىن بەش مەقسەتنى كۆزلىگەنلىكىنى شەرھىلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىرىنچى رۇسىيە گرۇزىيىنى جەنۇبىي ئاسسېتىيىدىن پۈتۈنلەي سىقىپ چىقىرىشنى كۆزلىگەن بولۇپ، بۇنىڭغا ئېرىشكەن. ئىككىنچىدىن ساكاشىۋېلىنى يوقىتىش. ئۈچىنچىدىن گرۇزىيىدىن ئۆتىدىغان نېفىت ۋە گاز تۇرۇبا يوللىرىنى ئۆز قولىغا ئېلىش ھەمدە قازاقىستان نېفىت مەنبەلىرىدىن قارا دېڭىز بويىدىكى پورتلارغىچە بولغان تەمىنات تۈزۈمىگە خوجايىنلىق قىلىشتىن ئىبارەت.

بۇلاردىن باشقا يەنە رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ناتو غا كىرىمەن دەۋاتقان ئۇكرائىنىيىگە شۇنىڭدەك غەرب بىلەن ئىتتىپاقلىشىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە دۆلەتلىرىگە ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويغانلىقىمۇ پەرەز قىلىنماقتا.

ئومۇمەن، رۇسىيىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئارقىلىق ساكاشىۋېلىنى يىقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بىر رۇسىيەپەرەس گرۇزىن ھۆكۈمىتىنى چىقىرىشنى مەقسەت قىلغانلىقى كۆپىنچە كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن تەھلىل قىلىنماقتا. بىراق، بۇنىڭغا ساكاشىۋېلىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى يول قويمىدى. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن رۇسىيە غەربنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇرۇش توختىتىشقا ماقۇل بولۇپ قالدى؟ ئارىل كوئېننىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ ئۈچ خىل سەۋەبى بار. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەردە رۇسىيە غەرب بىلەن دۈشمەنلەشسە، بىرىنچىدىن ئۇنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش يولى توسىلىدۇ، ئىككىنچىدىن سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن چىقىرىلىپ كېتەلىشى مۇمكىن ، ئۈچىنچىدىن خەلقئارا جەمىيەتنىڭ 2012 - يىلى قىشلىق ئولىمپىكنى رۇسىيىدە ئۆتكۈزۈش قارارىنى بىكار قىلىشى مۇمكىن. رۇسىيىنىڭ مانا مۇشۇ نۇقتىلارنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇرۇش توختىتىش ۋە قوشۇن چېكىندۈرۈشكە ماقۇل بولغانلىق ئېھتىماللىققا يېقىن.

گرۇزىيە - رۇسىيە توقۇنۇشى تەھلىلچىلەرگە تۈرلۈك قىياسلارنى ئاتا قىلدى. ئەلۋەتتە، رۇسىيىنىڭ پۇتىن - مېدۋېدېۋ دەۋرىگە تېز تەرەققى قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقى ئومۇملاشقان يەكۈن. رۇسىيە بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يەنىلا ياۋرو - ئاسىيادىكى ئەنئەنىۋى قۇدرەتلىك كۈچ ئىكەنلىكىنى، دۇنيا ۋە رايون مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا رۇسىيىنى قايرىپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن بولسا كېرەك.