رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ گۇاڭجۇدىن خەۋەر قىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، گۇاڭجۇ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش خىتاي ھۆكۈمىتىگە گۇاڭجۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاساسى قاناللىرى بېيجىڭ تىلىدا پروگرامما بېرىشنى ئاساس قىلىش دېگەن تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ تەكلىپ گەرچە گۇاڭجۇنى خەلقئارالىق چوڭ شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن دېگەن نام بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەكلىپ يەنىلا، گۇاڭدۇڭ تىلىدا سۆزلەيدىغان ئاھالىلەرنىڭ جىددىي قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.
25 - ئىيول كۈنىدىكى گۇاڭدۇڭ تىلىنى قوغداش نامايىشى ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمغا قارشى قوزغالغان
گۇاڭجۇدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنتېرنېت ئارقىلىق گۇاڭدۇڭ تىلىنى قوغداش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىنى بىلىۋېلىپ، ئۇنى بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويماسلىق ھەققىدە ۋەدىنامە يېزىپ ئىمزا قويۇشقا، ئۇيۇشتۇرغان نامايىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇرلىدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، مىڭلىغان ئادەم كوچىغا چىقىپ گۇاڭدۇڭلىق گۇاڭدۇڭچە سۆزلەيدۇ دەپ شۇئار توۋلاپ نامايىش قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى قانۇنسىزلىق دەپ جاكارلاپ، ساقچى ئەۋەتىپ نامايىشنى تارقىتىۋەتتى.
ھازىر خوڭكوڭدا گۇاڭجۇ بىلەن بىرلەشمە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا
رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ خوڭكوڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، 25 - ئىيول كۈنى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كېيىن، خوڭكوڭ ئاھالىلىرى ئىنتېرنېت ئارقىلىق، خوڭكوڭ بىلەن گۇاڭجۇدا 1 - ئاۋغۇست كۈنى بىرلەشمە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تەشەببۇستا، گۇاڭدۇڭ تىلىدا سۆزلەيدىغان خەلقنى ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلەش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشقا قارشى تۇرۇش، مەكتەپلەردە دەرسنى گۇاڭدۇڭ تىلىدا ئۆتۈشنى داۋاملاشتۇرۇش دەپ كۆرسىتىلدى.
ئالما گېزىتىدە خوڭكوڭدا قوللىنىلىۋاتقان خىتايچە خەت شەكلى كەمسىتىلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئوبزور بېسىلدى
خوڭكوڭدا چىقىدىغان ئالما گېزىتىدە بۈگۈن، خوڭكوڭدا ئېچىلغان كىتاب كۆرگەزمىسىدە، نەشر قىلىنغان كىتابلارنىڭ كۆپ سىزىقلىق خىتايچە خەت بىلەن تىزىلغانلىرىغا قىممەت باھا بەلگىلەش، ئاددىيلاشتۇرۇلغان خىتايچە خەت بىلەن تىزىلغانلىرىغا ئەرزان باھا بەلگىلەش ئارقىلىق، خوڭكوڭدا قوللىنىلىۋاتقان خىتايچە خەت شەكلى كەمسىتىلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن ئوبزور بېسىلدى.
ئەركىنلىك ۋاقىت گېزىتى دە گۇاڭدۇڭغا سرتتىن كەلگەن خىتايلارنىڭ گۇاڭدۇڭلۇقلارنى ئېزىشىگە قارشى ئوبزور ئېلان قىلىندى
تەيۋەندە چىقىدىغان ئەركىنلىك ۋاقىت گېزىتى دىمۇ بۈگۈن، گۇاڭدۇڭغا سرتتىن كەلگەن خىتايلار ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە تايىنىپ ئۆزىنى يەرلىك گۋاڭدۇڭلىقتىن ئۈستۈن كۆرىدىغانلىقى، گۇاڭدۇڭلۇقلارنى ئېزىدىغانلىقىنى پاكىتلىرى سۆزلەنگەن ئوبزورلار ئېلان قىلىندى.
خىتايدا خىتاي تىلىدىن باشقا تىللاردا سۆزلىشىدىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىنى قوغداش تېخىمۇ مۇھىم
بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى خۇپىڭ ئەپەندى گۇاڭدۇڭ تىلىنى قوغداش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، گۇاڭدۇڭ تىلىنى قوغداش ھەرىكىتى خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ يەرلىك ئەنئەنىسىنى قوغداش، ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەنلىكى.
خۇپىڭنىڭ بايان قىلىشىچە، گۇاڭدۇڭ تىلىنى قوغداش خىتاي تىلىنىڭ ئوخشىمىغان يەرلىك شىۋىلىرىنى قوغداش مەسىلىسى، دۆلەت تىلى بىلەن يەرلىك تىل ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە، بۇنىڭغا قارىغاندا، خىتايدا خىتاي تىلىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان تىللاردا سۆزلىشىدىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش تېخىمۇ مۇھىم. خۇپىڭنىڭ قارىشىچە، بىر دۆلەت گەرچە ئۆزىنىڭ دۆلەت تىلىنى بەلگىلىيەلىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان باشقا تىلنى قوللىنىدىغان مىللەتلەرنىڭمۇ ئۆز ئانا تىلىنى قوغداش ھوقۇقى بار. ھۆكۈمەت ئۇلارنى باشقا تىلنى قوللىنىشقا زورلىماىسلىقى كېرەك. خىتاي خەلقى بۇ مەسىلىدە باشقا مىللەتلەرگە كۆپ ھېسداشلىق قىلىشى كېرەك.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.