گۇاڭجۇ ئاھالىلىرى گۇاڭدۇڭلۇق گۇاڭدۇڭچە سۆزلەيدۇ دەپ نامايىش قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 7 - ئاينىڭ بېشىدا گۇاڭجۇدا تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى قوش تىللىق بولۇش دېگەن نام بىلەن بېيجىڭ تىلىدا بېرىلىدىغان ئاڭلىتىشنى ئاساس قىلىش ھەققىدە قارار چىقارغاندىن كېيىن، گۇڭدۇڭدا پارتلىغان قارشىلىق ھەرىكەتلەر ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ، بۇ ھەرىكەتنى يەرلىك خەلق گۇاڭدۇڭ تىلىنى قوغداش جېڭى دەپ ئاتىماقتا.

0:00 / 0:00

7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كەچ سائەت 5تە، گۇاڭجۇ ئاھالىلىرىدىن مىڭلىغان ئادەم جەنۇبىي جياڭشى كوچىسىدىكى يەر ئاستى تۆمۈر يول بېكىتىنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ نامايىش قىلدى. نامايىشچىلارنىڭ كۆپ سانلىقى ياشلار. نەق مەيداندىن تارتىلغان فوتو سۈرەتلەر ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان مۇھاپىزەتچى گېزىتىدە بېسىلدى. بۇ ھەقتىكى ۋىدىئولارمۇ ئىنتېرنېتكە قويۇلدى.

گۇاڭجۇ ئاھالىلىرى خىتاينىڭ قوش تىللىق ئاڭلىتىش بېرىش دېگەن بۇيرۇقىغا قارشى تۇردى

ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، نامايىشچىلار گۇاڭدۇڭلۇق گۇاڭدۇڭچە سۆزلەيدۇ دەپ شۇئار توۋلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق ئاڭلىتىش بېرىش دېگەن بۇيرۇقىغا قارىتا گۇاڭدۇڭ تىلىدا ئاغزىنى بۇزۇپ نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرمۇ بولغان. بەزى نامايىشچىلار مايكىسىغا بېسىلغان تىل گۇناھسىز دېگەن خەتلەر بىلەن ئۆز مەقسىتىنى ئىپادىلىگەن. كوچىدا قاتناش توختاپ كەتكەن. ساقچىلار نەق مەيدانغا قورالسىز كېلىپ، نامايىشچىلارنى قوغلىۋىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان.

گۇاڭجۇ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش يېقىندا بېيجىڭ تىلىدا بېرىلىدىغان پروگرامملارنى ئاساس قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 30 مىليون يۇەن سەرپ قىلىپ، گۇاڭدۇڭدا بېرىلىدىغان قوش تىللىق ئاڭلىتىش تا تىجارەت ئېلانلىرىنى بېيجىڭ تىلىدا بېرىشكە باشلىغاندىن كېيىن، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سانى ئازلاپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما گۇاڭجۇ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش يېقىندا يەنە بۇ يىل 11 - ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سۇ ئۈزۈش مەيدانىدىن بېرىلىدىغان خەۋەرلەرگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، گۇاڭجۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قوش تىللىق ئاڭلىتىشى بېيجىڭ تىلىدا بېرىلىدىغان پروگراممىلارنى ئاساس قىلىشى كېرەك دەپ قارار چىقاردى.

بۇنىڭغا قارىتا، گۇاڭدۇڭ تىلى قوللىنىدىغان ئاھالىلەردە قاتتىق نارازىلىق پەيدا بولدى. يەرلىك ئاھالىلەر دەسلەپتە، ئىنتېرنېت مۇنازىرىلىرىدە نارازىلىق بىلدۈردى. 30 مىڭدىن ئارتۇق تەنقىد ئېلان قىلىندى. گۇاڭدۇڭدا گۇاڭدۇڭ تىلى قوللىنىش كېرەك، دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارنىڭ نېسبىتى 80% تىن ئاشتى. كېيىن، بۇنارازىلىق نامايىشقا ئايلاندى.

مەدەنىيەت جېڭى مۇ ياكى گۇاڭدۇڭ تىلىنى قوغداش جېڭى مۇ؟

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر ۋاستىسى بولغان يەر شارى ۋاقىت گېزىتى نىڭ ئېنگىلىزچە سانىدا، ھازىر گۇاڭجۇدا، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يەرلىك ئاھالىلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشنى مەدەنىيەت جېڭى دەپ ئاتىدى. ئەمما گۇاڭدۇڭ ئاھالىلىرى ئۆزىنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى گۇاڭدۇڭ تىلىنى قوغداش جېڭى دەپ ئاتىماقتا.

گۇاڭدۇڭلىقلار گۇاڭدۇڭچە سۆزلىمەي، كوممۇنىست تىلىدا بېيجىڭچە سۆزلىسەك بولامتى

خىتايغا نەزەر تور گېزىتىدە بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئوچۇق - يورۇق مۇلاھىزىلەر ۋە كەسكىن تەشەببۇسلار بار. بەزىلەر بۇنىڭدىن كېيىن كوممۇنىستلاردىن باشقىلار گەپ قىلمىسا بولغىدەك دەپ نارازىلىق ئىپادىلىسە، بەزىلەر گۇاڭدۇڭلۇقلار گۇاڭدۇڭچە سۆزلىمەي، كوممۇنىست تىلىدا بېيجىڭچە سۆزلىسەك بولامتى دېگەن.

بەزىلەر ئەگەر خوڭكوڭ مەۋجۇت بولمىسا، گۇاڭدۇڭ تىلى ئاللىقاچان ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىنىپ بولاتتى. ھازىر گواڭدۇڭ تىلىنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلماقچى بولغانلىقىدا، ئەمەلىيەتتە خوڭكوڭ تىلىنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىشنى كۆزلەۋاتقانلىقى ئېنىق. ئەمما خوڭكوڭللىقلار نامايىش قىلىپ يۈرۈپ، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 23 ماددىسىنى ئاغدۇرۇۋەتتى، ئەمدى بىزمۇ توختاپ قالمايمىز دېگەن. يەنە بەزىلەر كوممۇنىست پارتىيە ساپ مۇشۇنداق ئىشنى تولا قىلىپ، ئۆزىنىڭ پۇتىغا پالتا چېپىۋاتىدۇ. ئەمدى خۇاڭخۇاگاڭ پورتى ھەربىي ئۆزگىرىشى قايتىدىن چىقماي قالمايدۇ، دېگەن.

گۇاڭدۇڭچە سۆزلىشىدىغان رايونلار چىن سۇلالىسىنىڭ تېررىتورىيىسى ئىچىدە ئەمەس ئىدى

بەيدۇ قامۇسىدا بايان قىلىنىشىچە، ئېنگىلىزچىدە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تىلى چاينىس ياكى مانجۇچە دەپ ئاتىلىدۇ. گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى ئۆلكىلىرىدە، خوڭكوڭ، ماكاۋلاردا، ھېدونېزىيە، مالاشىيا قاتارلىق شەرقي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە، شىمالىي ئامېرىكىدا، ئەنگىلىيىدە، ئاۋستېرالىيە، يېڭى زېلاندىيىلەردە كەڭ قوللىنىلىدىغان گۇاڭدۇڭ تىلى بولسا كانتونىس دەپ ئاتىلىدۇ.

مىلادىدىن ئىلگىرى چىن سۇلالىسى خىتاينى بىرلىككە كەلتۈردى دېگەن دەۋردە، ۋۇيىسەن تاغ تېزمىلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار، يەنى شەرقتىكى فۇجيەندىن غەربتىكى يۈننەن، گۇيجۇ، جەنۇبتىكى خەينەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلار چىن سۇلالىسىنىڭ تېررىتورىيىسى ئىچىدە ئەمەس ئىدى. شىمالىي - جەنۇبىي سۇلالىلەر دەۋرى دېگەن دەۋردىن باشلاپ خۇاشا دەپ ئاتالغان مىللەتلەردىن كۆچمەن كېلىشكە باشلىغان. گۇاڭدۇڭدا جۇڭخۇا مىنگو دەۋرىدە شىماللىقلار تىلى كېڭەيتىلىشكە باشلىغىچە ساپ گۇاڭدۇڭ تىلى قوللىنىلاتتى.

1949 - يىلىدىن كېيىنمۇ، گۇاڭدۇڭ تىلىغا چەتتىن كىرگەن بەزى سۆزلۈكلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، گۇڭدۇڭدا جەمئىيەتتىكى ھەممە ئالاقە يەنىلا ساپ گۇاڭدۇڭ تىلى بۇيىچە ئاتىلىپ كەلمەكتە. ھازىر گۇاڭدۇڭدا 70 مىليون ئادەم، گۇاڭشىدا 30 مىليون ئادەم، خوڭكوڭ، ماكاۋلاردا 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يەنىلا گۇاڭدۇڭ تىلى قوللنىلىدۇ. باشقا جايلاردىكىنى ھېسابقا ئالغاندا، خىتايدا ھازىر 130مىليوندىن ئارتۇق ئادەم گۇاڭدۇڭ تىلىدا سۆزلىشىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.