شاۋگۇەندىكى قانلىق ۋەقەدە قازا قىلغۇچنىڭ بىرسى يېتىم بالا ھاشىمجان ئەمەت

شاۋگۇەن شەھىرىدىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدە ھازىرچە ئۆلگەن ئۇيغۇر سانىنىڭ ئىككى نەپەر ئىكەنلىكى ۋە بۇلارنىڭ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسى زەمىن يېزىدىن ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆلگەنلەرنىڭ ھەر ئىككىسى ئوغۇل بولۇپ، ئۇلار يۇرتىغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن دەرھال يەرلىكىگە قويۇۋېتىلگەن ۋە مېيىت ئۇزىتىلغاندا يىغا - زارى قىلىشقا يول قويۇلمىغان.

26 - ئىيۇن جۈمە كۈنى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۇەن شەھىرىگە جايلاشقان شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئۇيغۇر ئىشچىلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ توقۇنۇشتا بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ۋەقەدە ھادىسىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي سانى ھەققىدە ھەرخىل مەلۇماتلار مەۋجۇت بولۇپ، شاۋگۇەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، ۋەقەدە يارىلانغانلار 120 نەپەر، قازا قىلغانلار ئىككى نەپەر. يارىدارلار ئىچىدە 89 نەپەر ئۇيغۇر بار بولۇپ، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر.

ھالبۇكى، خىتايچە باشقا تور بەتلىرى ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى باشقا زاۋۇتلاردا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر بالىلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۆلگۈچىلەر ئىككىدىن كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر قىزلارمۇ بار ئىكەن.

كەنت سېكرېتارى: " ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەر سانىنى 5 - 6 نەپەرگە يېتىدۇ"

بۇ ھەقتە توختالغان زەمىن يېزىدىكى مەلۇم بىر كەنت سېكرېتارى ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەر سانىنى 5 - 6 نەپەرگە يېتىدۇ دەپ ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما، ئوپال يېزىسى ۋە تاشمىلىق يېزىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئۆز يېزىلىرىدىن كەتكەن بالىلارنىڭ ئامان - ئېسەن ئىكەنلىكىنى، ئۆلۈم ‏ - يېتىم ھادىسىلىرى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

ئەسكەرتىش: بۇ سىن - ئالغۇ فىلىمى Youtube.com دىن ئېلىنغان. نەشىريات ھوقۇقى Youtube.com نىڭ. مەزمۇنى ۋە كۆرۈنۈشلەرنىڭ تەپسىلاتىغا RFA نىڭ مەسئۇلىيىتى يوق.

بۈگۈن ئىگىلىگەن دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، توقۇنۇشتا ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئىككى نەپىرى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسى زەمىن يېزىسىدىن بولۇپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ۋە يەرلىك دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازا قىلغۇچىلارنىڭ جەسىتى يۇرتىغا يۆتكەپ كېلىنگەن ۋە 29 - ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى يەرلىكىگە قويۇلغان.

يۇقىرىقىسى زەمىن يېزىلىق ساقچىخانا خادىمىنىڭ بىلدۈرگەنلىرى بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە داۋاملىق توختىلىشىنى خالىمىغان بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مېيىت ئۇزىتىلغاندا مەلۇم دەرىجىدە خۇپىيانىلىك سادىر بولغان.

ۋەقەدە قازا قىلغۇچنىڭ بىرسى يېتىم بالا ھاشىمجان ئەمەت

ۋەقەدە قازا قىلغۇچنىڭ بىرى زەمىن يېزىسى 16 - كەنتىدىن بولۇپ، ئىسمى ھاشىمجان ئەمەت، ئاتا - ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن يېتىم بالا ئىكەن.

كەنت سېكرېتارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاشىمجان ئۆتكەن يىلى ۋە ئىلگىرىكى قارار ئىشچى يۆتكەش دولقۇنىدىن قېچىپ ۋە باشقا سەۋەبلەرنى قويۇپ قۇتۇلغان بولۇپ، بۇ نۆۋەت بۇ يىل6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى شۈرى زاۋۇتىغا يولغا سېلىنغان ئىكەن.

ھاشىمجان ئەمەتنى يەرلىكىگە قويۇش ۋە باشقا ئىشلارغا ئارىلاشقان 16 - كەنت سېكرېتارىنىڭ ئېيتقانلىرىغا قارىغاندا، ھاشىمجاننىڭ ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبلىرى ئۇرۇق ‏ - تۇغقانلىرىغا تەپسىلىي ئۇقتۇرۇلمىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ھاشىمجاننىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى ھۆكۈمەتتىن بۇ ھەقتە چۈشەندۈرۈش بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن.

ۋەقەنىڭ سادىر بولۇش سەۋەبلىرى ھەققىدە ھەرخىل ئىنكاسلار مەۋجۇت. گەرچە خىتايچە تور بەتلىرىدە ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر ئوغۇللىرىنىڭ خىتاي قىزلىرىغا چېقىلىپ قويۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئالدىنقى كۈنى خىتاي مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، باسقۇنچىلىق ۋەقەسىنىڭ سادىر بولمىغانلىقىنى، مەزكۇر ئۆسەك سۆزنى تارقاتقان جۇ فامىلىلىك خىتاينى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

زەمىنلىك دېھقان: " خىتايلار ئۇيغۇر قىزلارىغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغان"

ۋەقە يۈز بەرگەن زاۋۇتتىكى ئۇيغۇر ئىشچىلار باشقا جايغا يۆتكەپ كېتىلگەن ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق ئالاقە قاناللىرى قامال قىلىنغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋەقەنىڭ ھەقىقىي كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش مۇمكىن بولمىدى.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى باشقا شەھەرلەردە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ئۇلار شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئاز ‏ - تولا ئالاقە قىلغان بولسىمۇ، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئالاقە پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغان.

بۇ ھەقتە ئۆز ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلغان زەمىنلىك دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئۇيغۇر قىزلارنىڭ باشقا خىتاي ئىشچىلار تەرىپىدىن جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچراش ئەھۋاللىرى سەۋەبچى بولغان ئىكەن.

يۇقىرىقى دېھقاننىڭ بايانلىرى پەقەت ئۇ ئاڭلىغان ئۇچۇرلار بولۇپ، بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرۈشىمىز.