شاڭخەي ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ گۇاڭدۇڭ ۋەقەسى توغرىسىدا نۇر بەكرىگە مۇراجىتى

گۇاڭدۇڭدا يۈز بەرگەن 26 - ئىيۇن ۋەقەسىگە ھازىرغا قەدەر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە مەركىزى ھۆكۈمەت ئىپادە بىلدۈردى. ئەمما ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت ھازىرغىچە سۈكۈت قىلماقتا. مۇقىملىق ھەققىدە ھەر ۋاقىت تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ كېلىۋاتقان نۇر بەكرى 2 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمى ۋە 118 ئۇيغۇرنىڭ يارىلانغانلىقى ۋەقەسىگە بىر ئېغىزمۇ ئىنكاس قايتۇرمىدى.

0:00 / 0:00

بۇ ئەھۋال ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلماقتا. بۈگۈن شاڭخەيدە تىجارەت قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار گۇاڭدۇڭ ۋەقەسى ھەققىدە نۇر بەكرىگە خەت يازغان.

شاڭخەيدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، ۋەقەگە ئەڭ جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك بولغان تەرەپ ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت، جۈملىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلەنگەن نۇر بەكرى بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئاتالمىش ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتايغا ئورۇنلاشتۇرۇش نۇر بەكرىنىڭ ئىجراسى.

شاڭخەيدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر، نۇر بەكرىدىن ئالدى بىلەن گۇاڭدۇڭ ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئۇيغۇر خەلقىغە تولۇق ۋە توغرا ئاشكارىلىشىنى؛ گۇاڭدۇڭ ھۆكۈمىتىدىن قاتىللارنى تولۇق تۇتۇش ۋە قاتتىق جازالاشنى تەلەپ قىلىشىنى؛ بۇنىڭ بىلەن بىللە ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئۇيغۇر رايونىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

ئەسكەرتىش: بۇ سىن - ئالغۇ فىلىمى www.ireport.com دىن ئېلىنغان. نەشىريات ھوقۇقى www.ireport.com نىڭ. مەزمۇنى ۋە كۆرۈنۈشلەرنىڭ تەپسىلاتىغا RFA نىڭ مەسئۇلىيىتى يوق.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار گۇاڭدۇڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتىدىن نارازى؛ ھەتتا ۋەقەنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىش نىيىتى سەممىي ئەمەس دەپ قارىماقتا. شاڭخەيدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ھۆكۈمەت تەرەپ سەمىمىي بولغان بولسا، ۋەقەگە ئالاقىدار يالغۇز بىر كىشىنى يەنى يالغان خەۋەر تارقاتقۇچىنى قولغا ئېلىش بىلەنلا كۇپايە قىلمىغان، ۋەقەدە زوراۋانلىق قىلغانلاردىن ئاز دېگەندە 200 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان بولاتتى.

نۇر بەكرى مۇقىملىقنىڭ مۇھىملىقىنى ھەممىدىن كۆپ تەكىتلەپ كەلمەكتە. ئەمما ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەدە شۇك تۇرۇۋېلىشى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇنداق سوئاللارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى: "نۇر بەكرى تەكىتلەۋاتقان مۇقىملىق، خىتاي خەلقىنىڭلا بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتامدۇ ياكى خىتايدىكى 56 مىللەتنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بىخەتەرلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟ نۇر بەكرى بىر قېتىملىق ماتەم مۇراسىمىدا بىر خىتاي ئەسكىرى ئۈچۈن كۆز يېشى قىلغان ئىدى. 2 نەپەر ئويغۇر ئىشچى تۆمۈر كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەندە، نۇر بەكرىنىڭ ئۇ باغرى يۇمشاقلىقى قەيەرگە كەتتى؟ "

نۆۋەتتە كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قېتىمقى ۋەقە توغرا بىر تەرەپ قىلىنمىسا، بولۇپمۇ قاتىللار جازالانمىسا، بۇ ۋەقەدىن خىتايلارنىڭ تېخىمۇ جاسارەتلىنىدىغانلىقىنى، مۇنداق ۋەقەلەرنىڭ خىتايدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا يۈز بېرىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشماقتا.

يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر بولسا، ئەگەر خىتاي قاتىللارنى جازالىمىسا، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئوخشاش يولنى تاللاپ، ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدىغانلىقىنى يەنى تەھدىتكە تەھدىت بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشماقتا.