نەق مەيدان خاتىرىسىدە بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ قېچىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنى يۈزلىگەن خىتاي ئىشچىنىڭ تۆمۈر كالتەك بىلەن قوغلاۋاتقانلىقى؛ يۈز - كۆزى قانغا مىلەنگەن بىر ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ ھۇشسىز ئوڭدا ياتقان ھالىتى ؛ يەنە بىر نەپەر ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ بېلىگە قەدەر قانغا مىلىنىپ ياتىقىنى ۋە ئۇنى دۇمبالاۋاتقان خىتاي ئىشچىلار؛ مانا بۇ مەنزىرىنى تاماشا قىلىۋاتقان خىتاي ساقچىلىرى؛ ئۆلۈك ياكى يارىدار ئۇيغۇرلارغا قاراپ غەلىبە تەنتەنىسى قىلىپ كۈلۈشۈۋاتقان خىتاي ئىشچىلار قاتارلىق كۆرۈنۈشلەر كۆرۈلىدۇ.
كۆرۈنۈشلەر سەھەر سائەت ئالتە ئەتراپىدا يەنى 6 سائەت داۋام قىلغان ۋەقەنىڭ ئاخىرقى سائەتلىرىدە خاتىرىلەنگەن. ۋەقەنىڭ باش قىسمىدىكى كۆرۈنۈشلەر تېخىمۇ تراگېدىيىلىك ئىكەنلىكىنى ئاخىرقى كۆرۈنۈشلەردىكى خىتاي ئىشچىلارنىڭ پەيلىدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. نۆۋەتتە ۋەقەدىن خەۋەردار بولغان ۋەتەن ئىچى - سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار مەزكۇر ۋەقە ئۈستىدە جىددىي ئويلانماقتا.
كۆزەتكۈچىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، نەق مەيداندىكى نەچچە مىڭ كىشى ئىچىدىن، بىرەر كىشىنىڭمۇ ئۆلگۈچى ۋە زەخمىلەنگۈچىگە ھېسداشلىقى قوزغالماسلىقى، بۇ ھەقتە ۋاشىنگىتوندا ياشاۋاتقان ئىليار شەمشىدىن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:
" بىر ئىنسان ئۆلتۈرۈلسە، بولۇپمۇ ئۆلگۈچىلەر ئايال ۋە بالا بولغان ئەھۋالدا، ئەتراپتا قاراپ تۇرغۇچىلاردا، ئىنسان بولۇش سۈپتى بىلەن ھىسداشلىق قوزغۇلىدۇ. گۇاڭدوڭدا ئۇنداق بولمىغان. توقۇنۇشتا ئايال - بالا ئايرىماسلىق ۋەھشى ۋە نامەرت بىر مىللەتنىڭ ئەنەنىسى."
ئەسكەرتىش: بۇ سىن - ئالغۇ فىلىمى Youtube.com دىن ئېلىنغان. نەشىريات ھوقۇقى Youtube.com نىڭ. مەزمۇنى ۋە كۆرۈنۈشلەرنىڭ تەپسىلاتىغا RFA نىڭ مەسئۇلىيىتى يوق.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي تور بەتلىرىدىمۇ ۋەقە ھەققىدە ئىنكاسلار داۋام قىلماقتا. بۇ ئىنكاسلاردا خىتاي ئىشچىلارغا تەبرىكلەر يوللانغان؛ ئۇلارغا ئاپىرىن ئوقۇلغان؛ ئۇيغۇرلارغا قارىتا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشى تەشەببۇس قىلىنغان. مانا بۇ ئىنكاسلارغا ئاساسەن، ئىليار شەمشىدىن ئەپەندى خىتاي ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ دەرىجىسى ئۈستىدە توختالدى: " خىتاي خەلقىمۇ، ھۆكىمىتىمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنى تامامەن يوقۇتۇشنى، دۇنيادىن تەپ - تارتمىسا قىرىپ تۈگىتىۋېتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرلارغا سېلىنىۋاتقان زۇلۇمدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خەلقى شېرىك."
خىتاي ئىشچىلىرىدىكى بۇنچە زور نەپرەت، جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىن ھېچ قورماسلىقتەك بۇنچە كۆپ جاسارەت نەدىن كەلگەن؟ مانا بۇ ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنى ئويلاندۇرۇۋاتقان مۇھىم بىر تىمىدۇر. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئارىسىدا، ۋەقەدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ قول تىقىشى ۋە ھەتتا تەشكىللىشى بارلىقىنى تەخمىن قىلغۇچىلارمۇ بار. نۆۋەتتە شاڭخەيدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى مانا بۇ خىل قاراشتا: " مەن ۋەقەدە خىتاينىڭ دۆلەت ئاپىراتلىرىنىڭ قولى بارمىكىن دەپ قارايمەن. بولمىسا، خەلق دېگەندە بىر ھىسداشلىق، ئىچ ئاغرىتىش تۇيغۇسى دېگەن نىمە بولۇشى كېرەكقۇ؟"
قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ياسىنجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي خەلقى مىللىي خاراكتېرى نۇقتىسىدىن جاسارەتلىك بىر خەلق ئەمەس؛ ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان سەلبىي تەشۋىقات ۋە ۋەھشىي ئىجرائاتلىرى ۋەقە سادىر قىلغان بۇ ئىشچىلارغا ئەنە شۇ جاسارەتنى بەرگەن. ئۇلار ئۇيغۇرلارغا زوراۋانلىق قىلسا ئۆزلىرىنىڭ جازالانمايدىغانلىقىنى ئالدىن تەخمىن قىلغان.
ياسىنجان: " خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان ئۆلۈم جازالىرى، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە باستۇرۇشلىرى بىلەن خىتاي خەلقىغە: ' ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرسەڭ جىنايەت بولمايدۇ دېگەن پىكىر ۋە تۇيغىنى بەرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەق - ناھەق دېلولىرىدا ھەرۋاقىت خىتاي تەرەپ ئۇتۇپ چىققانلىق ئۈچۈن، ئۇلار ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرسە ئۆزلىرىنىڭ جازالانمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا، ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق تېرورچى ۋە ئوغرى - يانچۇقچى دەپ تەسۋىرلىشى بۇ قېتىم گۇاڭدوڭدا ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان ھۇجۇمنىڭ يەنە بىر مۇھىم سەۋەبى."
كۆزەتكۈچى ئىليار شەمشىدىن ئەپەندى، گۇاڭدۇڭ ۋەقەسىدىن غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ چوڭ بىر دەرس ئېلىشى كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى تەركىپىدىكى بارلىق كۈچلەرگە ئىگە چىقىشى ۋە ئۇلارنى ھىمايە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.