خىتاي ھۆكۈمىتى گۇاڭجۇدىكى نامايىشنى باستۇرۇشتا تانكا ۋە برونىۋىكلارنى ئىشلەتتى

10-ئىيۇن كۈنى كەچتە گۇاڭجۇ شەھىرىدە يەنە سىچۈەنلىك ئىشلەمچىلەرنىڭ زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى يۈز بېرىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نامايىشنى تانكا ھەم برونېۋىكلىرى ئارقىلىق باستۇردى.

0:00 / 0:00

رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ خوڭكوڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنى گۇاڭجۇدا يۈز بەرگەن نامايىش 13-ئىيۇن دۈشەنبە كۈنىگە كەلگەندە، ساقچىلار بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا ئايلانغان. توقۇنۇش جەريانىدا سىچۈەنلىك ئىشلەمچىلەرنى ئاساس قىلغان نامايىشچىلار نەچچە ئونلىغان ساقچى ئاپتوموبىلى ۋە بىر قانچە خۇسۇسىي ئاپتوموبىللارنى ئۇرۇپ-چېقىپ كۆيدۈرۈۋەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ قېتىمقى نارازىلىق نامايىشنىڭ پارتلىشىغا 10-ئىيۇن كۈنى، گۇاڭجۇنىڭ سېڭچېڭ شەھەرچىسىدىكى شىنتاڭ بازىرىدا سىچۈەندىن كەلگەن يايمىچى تىجارەتچى ۋاڭ فامىلىلىك ھامىلىدار ئايال ۋە ئۇنىڭ ئېرى مەلۇم بىر چوڭ سودا سارىيىنىڭ ئالدىدا يايما يېيىپ تىجارەت قىلىۋاتقىنىدا، ۋاڭ فامىلىلىك يايمىچى ئايالنىڭ سودا سارىيىنىڭ ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلۇپ، قورسىقىدىكى بالىسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى سەۋەب بولغان ئىكەن.

10-ئىيۇن كۈنى بۇ ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغىنىغا، 3-ئىيۇن كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چاۋجۇ شەھىرى گۇگاڭ بازىرىدا يۈز بەرگەن ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن، خوجايىن تەرىپىدىن پەيلىرى كېسىۋېتىلىپ مەجرۇھ قىلىنغان سىچۈەنلىك ئىشلەمچى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن، سىچۈەنلىك ھەم خۇبېيلىق ئىشلەمچىلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشىنىڭ كەينىدىنلا يۈز بەرگىنى ئۈچۈن، ياقا يۇرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە بوزەك قىلىنىشىغا نارازى بولغان سىچۈەنلىك ئىشلەمچىلەر دەرھال توپلىنىپ نارازىلىق نامايىشى قىلغان.

رادىئومىز مۇخبىرى گۇاڭجۇغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگىنىدە، ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچى بىرەيلەن رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«ھازىر بۇ يەردە ۋەزىيەت جىددىي. قالايمىقانچىلىق بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىز كەلسىڭىز ئەھۋالنى كۆرىسىز. ھازىر سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەردىن نەچچە مىڭلىغان ئادەم نامايىش قىلىشتى. ئۇلار ئاپتوموبىللارنى كۆيدۈرۈۋەتتى. چۈنكى يەرلىكلەر سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى ياقتۇرمايدۇ. سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر داۋاملىق كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ نارازىلىقى كۈچلۈك.»

ئەمما گۇاڭدۇڭ ساقچى دائىرىلىرى بولسا رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا بىۋاسىتە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، رادىئومىز مۇخبىرىنى نامايىش ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى شۇ يەردىكى ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن ئىگىلەشكە ئۈندىدى.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ساقچى نازارىتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى مۇنداق دېدى:
«بۇ ئىشلارغا سىز باش قاتۇرماڭ. بىز مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىۋاتىمىز. ئەگەر ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولسىڭىز، ھۆكۈمەت گېزىت ھەم تېلېۋىزىيىلىرىمىزدىكى خەۋەرلىرىمىزگە دىققەت قىلىڭ. مەن ھازىر سىزگە بۇ ئەھۋال توغرىلىق جاۋاب بېرەلمەيمەن.»

خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نارازىلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئادەم سانى 12-ئىيۇن يەكشەنبە كۈنى ئون مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، نارازىلىق بىلدۈرگۈچى ئامما 107-نومۇرلۇق دۆلەت چوڭ يولىنى قامال قىلىۋالغان. نامايىش جەريانىدا غەزەپلەنگەن ئامما ساقچىلارغا تاش ھەم بوتۇلكىلارنى ئاتقان ھەمدە بىر قانچە ئون ساقچى ئاپتوموبىلىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. تور بەتلىرىگە قويۇلغان سىنئالغۇدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نامايىشنى باستۇرۇش ئۈچۈن، 5000 دىن ئارتۇق ساقچى ئاجراتقان، نامايىشچىلار توپلانغان جايغا تانكا ھەم برونىۋىكلار يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ساقچى دائىرىلىرى نامايىشچى ئاممىنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن، ياش ئاچقۇزۇش بومبىلىرىنى ئاتقان.

خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، دۈشەنبە كۈنى «توپىلاڭنىڭ بېسىقتۇرۇلغانلىقى، ساقچى دائىرىلىرىنىڭ 25 كىشىنى قولغا ئالغانلىقى» بايان قىلىنغان. ئەمما خىتاي تور بەتلىرىدىكى پۇقرالارنىڭ بلوگلىرىدىكى خەۋەرلەردە بۇ قېتىمقى نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا نەچچە يۈزلىگەن ئادەمنىڭ يارىدار بولغانلىقى، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانىنىڭ 1000دىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.