خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە جان بېقىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھوقوقىغا كىم ئىگە؟
2006.06.28
رادىئومىزغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، خىتاي ئۆلكىلىرىدە سودا ۋە باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىنتايىن ھەقسىز مۇئامىلە، كەمسىتىشلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرى ھەتتا قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىنمۇ قوغدالمايدىكەن.
قالايمىقان تۇتقۇن قىلىش، ھەر قانداق ئۇيغۇرغا خۇددى زەھەرلىك چېكىملىك جىنايەتچىلىرىگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىش، ساقچىلار تەرىپىدىن سەۋەبسىز يارىلاندۇرۇلۇش ھەتتا ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەلىرىمۇ يۈز بېرىپ تۇرماقتا ئىكەن.
ۋاقىتسىز جېنىدىن ئايرىلغان ياش
بىز رادىئومىزدا يېقىندا تېخى گۇاڭجۇنىڭ ياۋتەي بازىرىدا بىر قانچە ئۇيغۇر ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭ يەرلىك خىتاي ساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى يەنە شۇ ياۋتەي بازىرىدا يىگىرمە ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئۇيغۇر يىگىتى ساقچىلار تەرىپىدىن كوچىدىلا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
بۇ ۋەقەنى كۆرگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇ پاجىئەنى سۆزلەپ بېرىشىچە، شۇ كۈنى ياۋتەينىڭ كوچا ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىسىدىن بىرى تۇيۇقسىز بىر ئۇيغۇر ياشنى توساپ سەۋەبسىزلا ئاختۇرۇشقا ئۇرۇنغان. بۇ ئۇيغۇر ساقچىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ساقچى ئۇيغۇرغا قوپاللىق قىلغاندىن كېيىن ئىككىسى جېدەللىشىپ قالغان. كېيىن باشقا ساقچىلارمۇ يېتىپ كېلىپ بۇ ئۇيغۇرغا زوراۋانلىق قىلغان. ساقچىلارنىڭ ئۆزىنى ئۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى پەملىگەن بۇ ئۇيغۇر قاچماقچى بولغان. بۇ چاغدا ساقچىلار ئۇنىڭ ئارقا مېڭىسىگە دەرھال ئوق چىقىرىپ ئۆلتۈرگەن.
ئىنكاس قىلغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇاڭجۇنىڭ ياۋتەي بازىرىدا خېلى كۆپ ئۇيغۇر تىجارەتچى بولۇپ، ئۇلار داۋاملىق ياۋتەي بازىرى ئورۇنلاشقان كۇاڭچۇەن يولى ساقچىلىرىنىڭ ھەمدە باجگىرلارنىڭ يولسىزلىقلىرىغا ئۇچراپ كەلمەكتە ئىكەن.
نارازىلىق ۋە مەتبۇئاتتىكى يېڭىلىق
ساقچىلارنىڭ بۇ ئۇيغۇر ياشنى بىكاردىن ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ئەسلىدىنلا نارازىلىقى ئېشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ غەزەپ - نەپرىتىنى قوزغىغان بولۇپ، 20 - ئىيۇن كۈنى ئىككى يۈزچە ئۇيغۇر تىجارەتچى ئەر - ئاياللار يىغىلىپ ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدا، يېغىۋاتقان يامغۇرغىمۇ قارىماي ئولتۇرۇپ نامايىش ئېلىپ بارغان.
ھۆكۈمەت ئورنىدىكىلەر بۇ نامايىشچىلارنىڭ تۆت ۋەكىلىنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارنىڭ "ساقچىلارنىڭ بىگۇناھ ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى سۈرۈشتە قىلىنسۇن. ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىگە تۆلەم تۆلىسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھوقوقىغا كېپىللىك قىلىڭلار، بىزگە ئادالەت كېرەك"دېگەندەك ئەرزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن. يىغىلغان ئۇيغۇرلارنى "بىز سىلەرنىڭ ھوقۇقىڭلارغا كېپىللىك قىلىمىز. ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ساقچىلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىمىز" دەپ كەتكۈزۈۋەتكەن.
كۈتۈلمىگەن يەردىن ئەتىسى يەنى 21 - ئىيۇن كۈنى گۇاڭجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھەمدە ساقچى تەرەپ گېزىتكە ياۋتەيدە يۈز بەرگەن ساقچىلارنىڭ بىر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنى پۈتۈنلەي بۇرمىلاپ خەۋەر ئېلان قىلغان.
بىزگە تېلېفون قىلغان ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېزىتكە چىققان بۇ خەۋەردە، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگۈچى ئۇيغۇر ياش بۇلاڭچى قىلىپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، "بۇ شىنجاڭلىق بۇلاڭچى، بۇلاڭچىلىق قىلىپ قاچقاندا ساقچىلار ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن، ئۇ داۋاملىق قاچماقچى بولغاندا ساقچىلار ئۇنىڭغا ئوق چىقىرىشقا مەجبۇر بولغان" دەپ يېزىلغان ئىكەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىغا زادى كىم ئىگە؟
ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلىرى كاپالەتلەندۈرۈلمەي ھاياتى خەۋپ ئىچىدە جان بېقىۋاتقان ئۇيغۇرلار يەنىمۇ چوڭ نارازىلىق بىلدۈرۈش يولىنى ئىزدەۋاتقان پەيتتە، يەنى بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ ئىككى كۈندىن كېيىنلا، ئىلگىرى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان، ئالىمجان ئىسمايىل، تاشپولات غۇلام، ئەخمەت تاش قاتارلىق ئۈچ نەپەر ئەر، ئايسەر مەمەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئايال جەمئىي تۆت نەپەر ئۇيغۇرنى قانۇن ئورگانلىرى زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكەش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ ئېتىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، 23 - ئىيۇن كۈنى دەرھال ئىجرا قىلغان. ئىنكاسقا قارىغاندا، بۇ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئائىلىلىرىگە ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلىنمىغان.
گۇاڭجۇدا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان بۇ ۋەقەلەر، ئۇيغۇرلاردا غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ ئۇلار" بۇ ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى، نارازىلىق، قارشىلىق بىلدۈرگەن بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى، بۇ بىر تەھدىت " دەپ ھېس قىلىۋاتقان بولۇپ. ئۇلار "بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىغا زادى كىم ئىگە" دېيىشىپ تېڭىرقىماقتا ئىكەن.
بىزگە تېلېفون قىلغان ئۇيغۇرنىڭ دېيىشىچە، خىتاي قانۇن تارماقلىرىنىڭ جازا ھۆكۈمى بىلەن، زەھەرلىك چېكىملىك سەۋەبىدىن ھەمدە ئۆز - ئارا جېدەل - ماجىرا ۋە باشقا نامەلۇم سەۋەبتىن ئولۈۋاتقان ئۇيغۇرلار بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ھازىر گۇاڭجۇدا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرىستانلىقى شەكىللەنگەن. بۇ قەبرىستانلىققا ئالتە يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جەسىتى كۆمۈلگەن ئىكەن.
بۇ جەسەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىگىسى تېپىلمىغانلىقى ئۈچۈن، گۇاڭجۇدا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىكىدىن ئىئانە يىغىپ، ئىگىسىز قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ جەسەتلىرىنى ئىسلام قائىدىلىرى بويىچە دەپنە قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.
چۈنكى، گۇاڭجۇ شەھەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى ئىلگىرى زەھەرلىك چېكىملىكنى كۆپ ئىستىمال قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈپ قالغان بىر ئۇيغۇرنى سۈرۈشتە قىلمايلا ئۇنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات چېغىدا ئىنسانىي ھوقۇقىنىڭ كاپالەتلەنمەي كەلگىنىدىن سىرت ھەتتا ئۆلگەندىن كېيىنمۇ، ئەقەللىي ھۆرمەتكە، توغرا دەپنە قىلىنىشقىمۇ ئىگە بولالماي خارلىنىۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغاندىن كېيىن، دائىرىلەر بۇ ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسىگە تۆلەم تۆلىگەن.
شۇنىڭدىن كېيىن، گۇاڭجۇ دائىرىلىرى قانداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ جەسەتلىرىنى مەيلى قانداقلا سەۋەبتىن ئۆلگەن بولمىسۇن بىر تەرەپ قىلىشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىپ، بىرسى كېلىپ مېيتكە ئىگە چىقمىغىچە توڭلىتىپ قويىدىغان بولۇپ قالغان. بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ جەسەتلىرى ھەتتا يىللاپ توڭلاتقۇدا قالغان. شۇ سەۋەبلىك گۇاڭجۇدىكى ئۇيغۇرلار بىر قانچە يىللاردىن بېرى، گۇاڭجۇدا ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنى ئاڭلىغان ھامان ئەگەردە ئائىلە تاۋاباتلىرى ياكى ئىگىسى تېپىلمىسا ئۆزلىرى ئىئانە توپلىشىپ دەپنە قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.
گۇاڭجۇدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ۋەزىيىتى ھەققىدە گەرچە يۇقىرقىدەك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغان بولساقمۇ، بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە گۇاڭجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھەمدە ساقچى ئورۇنلىرى جاۋاب بېرىشنى رەت قىلماقتا. بىز كېيىنكى پروگراملىرىمىزدا گۇاڭجۇ دائىرىلىرىدىن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشىمىز. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ساقچىلار گۇاڭجۇنىڭ ياۋتەي بازىرىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى ئۇرۇپ تارقىتىۋەتتى
- مۇخبىرىمىزنىڭ دۇڭجۇدىكى نەق مەيدان تەكشۈرۈشىدىن مەلۇماتلار
- دۇڭجۇ يېزىسىدا يەنە ئىككى نەپەر نامايىشچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى
- گۇاڭدوڭدا ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇش
- ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاش مىللىي زىددىيەتلەرنى تىنجىتىشنىڭ يولىمۇ؟
- گۇئاڭجۇدىكى توقۇنۇشتا يارىلانغان كىشىلەر ساقچى ئەمەس
- گۇاڭجۇدا ساقچىلار بىلەن ئۇيغۇرلار توقۇنۇشتى