گۇاڭدۇڭدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى

26 - ئىيۇن كۈنى سەھەر سائەت 2 دە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدىكى بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا، ئۇيغۇر ئىشچىلار بىلەن خىتايلار ئارىسدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ھازىرغا قەدەر ئۆلگۈچىلەر ۋە يارىدارلار سانى ھەققىدە پەرقلىق مەلۇماتلار مەۋجۇت. ئەمما ۋەقەنىڭ زورلۇقى ۋە جىددىيلىكى ۋەقەگە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىن، مەركىزى ھۆكۈمەتكە قەدەر جىددىي ئارىلىشىۋاتقانلىقىدىن مەلۇم بولماقتا.

0:00 / 0:00

شاۋگۈەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋەقەدە جەمئىي 120 كىشى يارىلانغان؛ بۇلاردىن 81 كىشى ئۇيغۇر، قالغان

39 نەپىرى خىتايOpens in new window ]

؛ ۋەقەدە 2

كىشى ئۆلگەنOpens in new window ]

؛ ئۆلگۈچىلەر ئۇيغۇر. بوشۈن قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەر سانى 18 نەپەر بولۇپ، بۇلاردىن 12 نەپىرى ئۇيغۇر، 6 نەپىرى خىتاي. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ دوكلاتى ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە توختالمىغان.

پەقەت ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، 400 نەپەر ساقچى، 152 نەپەر جىددىي قۇتقۇزۇش خادىمى، 48 قېتىم جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ھەرىكەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتايچە تور بەتلەردىكى ئىنكاسلاردا، توقۇنۇشنىڭ بىر قانچە قېتىملىق باسقۇنچىلىق ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، باسقۇنچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى بايان قىلىنماقتا؛ بايان قىلىنىشىچە، ئاخىرقى قېتىملىق باسقۇنچىلىق ۋەقەسىدىن كېيىن، زاۋۇتتىكى خىتاي ئىشچىلاردىن 200 - 300 كىشى ئۇيغۇر ئىشچىلار ياتاق بىناسىغا ھۇجۇم قىلغان. ئۇيغۇر ئىشچىلارمۇ كالتەك - چوماق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن.

توقۇنۇش سەھەر سائەت 2 دىن 6 گە قەدەر 4 سائەت داۋام قىلغان. دەسلەپكى سائەتلەردە ساقچى تەرەپ ۋەقەگە ئارىلاشمىغان. ۋەقە ئادەم ئۆلۈش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، شەھەر باشلىقى جېڭ جىنتاۋنىڭ بۇيرۇقى بىلەن، ساقچىلار ۋەقەگە ئارىلاشقان. ساقچىلار يارىدارلارنى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرغاندىن باشقا، زاۋۇتتىكى قالغان 600 نەپەر ئۇيغۇر ئىشچىنى زاۋۇتتىن باشقا جايلارغا يۆتكىگەن. تازىلىق ئىشچىلىرى ۋەقە مەيدانىدىكى قان ئىزلىرىنى 2 سائەت ئەتراپىدا يۇيۇپ تازىلىغان. ۋەقەدىن كېيىن مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بىخەتەرلىك ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسئۇللىرىدىن جۇۋ يۇڭكاڭ، مېڭ جيەنجۇ قاتارلىقلار، شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە يوليورۇق بېرىپ، ۋەقەنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، يارىدارلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ۋە ئۆلگۈچىلەر ئائىلە تاۋاباتىدىن ھال سوراشنى تاپىلىغان. ئۇلار يەنە ۋەقەدىن يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىىشقا چاقىرغان.

ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھازىرغىچە مەلۇمات بەرگۈچىلەر توقۇنۇشنىڭ بىر تەرىپى يەنى خىتاي تەرەپ بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن ئېلىنغان ھېچقانداق مەلۇمات يوق. شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش بۇيرۇقىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش، يىمەك - ئىچمەك قاتارلىق تۇرمۇش شارائىتلىرىنى ياخشىلاش تەكىتلەنگەن. مانا بۇ، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىدىن بىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ دەخلى - تەرۈزگە ئۇچرىغانلىقى ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەرمەكتە.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مىللىي زىددىيەت يىللاردىن بېرى ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە، ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە ئىپادىلەنمەكتە. بۇ قېتىمقىسىغا تارىخىي مەسىلىلەردىن باشقا، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايغا يۆتكىلىشى ۋە خورلىنىشى، يېقىندا يەكەندە يۈز بەرگەن نارىسىدە قىزنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچراش ۋەقەسى قاتارلىقلارمۇ سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن.

نۆۋەتتە، خىتاي تور بەتلىرىدە مەزكۇر ۋەقە قىززىق تىما بولۇپ مۇنازىرە قىلىنماقتا. مۇنازىرىلەردە ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىدىغان ئىرقچى ئىبارىلەر قوللىنىلماقتا.

بۇ ئەھۋالغا قارىتا بۈگۈن، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئۇيغۇربىز تورىدا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، شاۋگۇەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنى، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي سەۋەبلىرىنى تېزدىن ئاشكارىلاشقا، ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ھاياتى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداشقا چاقىردى. ئۇ يەنە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ، بۇ پۇرسەتتە ئۇيغۇر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش سىياسىتىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە، ئەمگەك قانۇنىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا توغرا ئىجرا قىلىشقا چاقىردى.

ئىلھام توختى ئوچۇق خېتىدە يەنە، ئۇيغۇر تورداشلارنى، مەسىلە ئېنىقلانمىغىچە ھېسسىياتقا تايىنىپ پىكىر بايان قىلماسلىققا، لېكىن مەسىلىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش جەريانىنى ئىزچىل كۆزىتىشكە ۋە مەسىلىنىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشىنى قانۇنىي يول بىلەن تەلەپ قىلىشقا چاقىردى.