ساختا خەۋەر ئارقىلىق ۋەقەگە ئوت ياقتى دەپ قارالغان جۇ پەمىلىلىك بىر خىتاي قولغا ئېلىنغان. ئەمما كۆرسىتىلگەن سەۋەب كىشىلەردە گۇمان پەيدا قىلماقتا. بۇ ھەقتە، خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە تىجارەت قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاي ۋەقەدىكى توقۇنۇشتا باشلامچىلىق قىلغانلار ۋە ئىككى ئۇيغۇر ئىشچىنى ئۆلتۈرگەن قاتىللار ھەققىدە ھازىرغىچە مەلۇمات بەرگىنى يوق. خىتاي ۋەقەگە ئالاقىدار ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلارنى ئىزچىل ھالدا قامال قىلماقتا.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر يارىدارلارنىڭ قايسى دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكى ۋە زاۋۇتتىن يۆتكىۋېتىلگەن 600 ئۇيغۇرنىڭ قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم ئەمەس؛ بۈگۈن رادىئومىزنىڭ گۇاڭدۇڭچە بۆلۈمى شاۋگۇەن ناھىيىسىدىكى دوختۇرخانىلاردىن ئەھۋال ئىگىلىگەن. مەلۇم بىر دوختۇرخانا خادىمى ئۆزى ئىشلەۋاتقان دوختۇرخانىدا خەنزۇ يارىدارلار بارلىقىنى بىلدۈرگەن، يەنە بىر دوختۇرخانا خادىمى بولسا، يارىدارلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، يارىدارلار بىلەن تىل ئۇقۇشالمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ۋەقە زاۋۇتتا ناھايىتى چوڭ ۋەھىمە پەيدا قىلغان بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن 4000 دىن ئارتۇق ئىشچى زاۋۇتتىن ئايرىلغان.
مەزكۇر ئويۇنچۇق زاۋۇتى، خوڭكوڭلۇق بىر كارخانىچىغا تەۋە بولۇپ، زاۋۇتتا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى بارلىقى مەلۇم. بۇنىڭ ئىچىدە، بۇ يىل 5 - ئاي ۋە 6 - ئايدا بولۇپ قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىدىن 800 نەپەر ئىشچى قوبۇل قىلىنغان.
مۇخبىرىمىز زاۋۇتنىڭ خىتاي ئىشچىلىرىدىن بىرىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ ، ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشلىرىدىن زاۋۇتتىكى خىتاي ئىشچىلارنىڭ نارازى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، كونا شەھەر ناھىيىسى گۇاڭدۇڭغا مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەن. كونا شەھەر ناھىيىلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى ماھىنۇر بۈگۈن ۋەقە ھەققىدە سۆز قىلغان؛ ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ، تۇنجى قېتىم يۇرتىدىن ئايرىلغانلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ساددا ۋە ئىشچان بالىلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئۆلتۈرگەن ۋە يارىلاندۇرغان زوراۋانلارنى ئەيىبلىمىگەن ھەم جازالاش تەلىپىنىمۇ قويمىغان. ئۇ، بۇ ۋەقەنىڭ ئايرىم ۋەقە ئىكەنلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
بىزگە خىتاينىڭ مەلۇم شەھرىدىن مەلۇمات بەرگەن بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى بولسا، گۇاڭدۇڭدىكى توقۇنۇشنى يالغۇز ساختا خەۋەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقە دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، ئاساسلىقى ئۇ يەردىكى يەرلىك خەلقنىڭ 800 نەپەر ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ زاۋۇتقا ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىنى ھەزىم قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، ۋەقە ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز. ئوقۇرمەنلىرىمىز ئىچىدە ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي ياكى پەرقلىق مەلۇماتى بارلار بولسا، بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.