7 - ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا سوتى ئۇلارنى گۇناھسىز دەپ جاكارلاپ، ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈش قارارى چىقارغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزى بىلەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.
گۇئانتانامو توغرىسىدىكى خەلقئارالىق يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى
بۇندىن بىر ھەپتە ئىلگىرى، گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا چاقىرىلغان گۇئانتانامونى تاقاش ۋە گۇئانتانامودىكى تۇتقۇنلارنى دېموكراتىك دۆلەتلەرگە يەرلەشتۈرۈشنى قولغا كەلتۈرۈش تېمىسىدىكى خەلقئارالىق يىغىندىمۇ بۇ 17 ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 8 - نويابىردىن 10 - نويابىرغىچە چاقىرىلغان بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 7 يىللىق ھاياتىنىڭ شاھىدى ھەم ئۇلارنىڭ تەرجىمانى روشەن ئابباس خانىم يىغىن ھەققىدە ئەينى چاغدا بىزگە مەلۇمات بەرگەن ئىدى.
روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېرلىندا چاقىرىلغان بۇ يىغىن خەلقئارالىق يىغىن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاساسى تېمىسى بىگۇناھ 17 ئۇيغۇرنى قۇتۇلدۇرۇش تىرىشچانلىقىغا مەركەزلىشىپ قالغان.
ئۇلارنىڭ گۇناھسىزلىقىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ
ئەينى چاغدا بۇ 17 نەپەر ئۇيغۇر بىلەن بىرگە گۇئانتاناموغا قامىلىپ، گۇناھسىزلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن ئالبانىيىگە تەقسىم قىلىنغان بەش نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بىرى بولغان ئابابەكرى ئەپەندى تىرانادىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چاقىرىلىدىغان سوتتا بۇ 17 نەپەر قېرىنداشنىڭ غەلىبە قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بىراق، ئابابەكرى ئەپەندى بۇ سوتتا ئۇيغۇرلار غەلىبە قازانغان تەقدىردىمۇ، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىش نىيىتى يوقلۇقى سەۋەبىدىن، گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەرھال ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنىڭ بىر مەزگىل چەكلىمىگە ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلدى. لېكىن قانداقلا بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، بۇ 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئازادلىققا چىقىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ گۇناھسىزلىقىنىڭ بۈگۈن پۈتۈن دۇنياغا ئايانلىقىنى ئەسكەرتتى.
د ئۇ ق نىڭ ئىنكاسى
د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا، بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ گۇئانتانامودىكى بۇ 17 نەپەر قېرىندىشىنىڭ ئازادلىقىغا تەشنا ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، 24 - نويابىر ۋاشىنگتوندا چاقىرىلىدىغان گۇئانتانامو ئۇيغۇرلىرى توغرىسىدىكى سوت مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىدىكى روشەن خانىم، ئالبانىيىدىكى ئابابەكرى ئەپەندى ۋە گېرمانىيىدىكى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەرنىڭ قاراشلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.