گۇئانتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن ئابابەكرى ۋە ئادىللارنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن گۇناھسىز دەپ قارىلىپ، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان گۇئانتانامو تۈرمىسىدىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنى بىر قانچە دۆلەتلەر ئۆز تەۋەلىكىگە قوبۇل قىلىشنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار تېخىچە ئەركىنلىككە ئېرىشىپ، بىرەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغىنى يوق.

0:00 / 0:00

ئەركىنلىككە چىققان 5 نەپەر ئۇيغۇر بولسا گەرچە ئالبانىيىدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ بىراق ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئائىلىسى ۋە بالا چاقىسى بىلەن بىر ئارىغا جەم بولۇشنى خالىغان ئەمما ئارزۇسىغا يېتەلمىگەنلىرى بار.

5 نەپەر ئۇيغۇردىن ئادىل ھاكىمجان شىۋېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېرىپ، شىۋېتسىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان، لېكىن ئۇنىڭ شىۋېتسىيىدە تۇرۇپ قېلىش ھەمدە پۇقرالىققا قوبۇل قىلىنىش ئىلتىماسىمۇ ھازىرغا قەدەر ھەل بولمىدى.

بىز ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئابابەكرى ئەپەندىم ۋە شۋېتسىيىدىكى ئادىل ئەپەندىملەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋاللىرى ئۈستىدە مەلۇمات ئىگىلىدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئابابەكرى ھەمدە ئادىل بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.