سېيبىن ۋەلىت بىر تەرەپتىن ئامېرىكا سوتلىرىدا گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى ئاقلاپ، سوتچىلارغا گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قىلىپ ئافغانىستانغا بېرىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان بولسا، ئامېرىكا ۋە غەرب مەتبۇئاتىدا ماقالىلەر ئېلان قىلىش ۋە تۈرلۈك يىغىنلارنى تەشكىللەش ۋە يىغىنلارغا قاتنىشىش ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە غەرب جامائەتچىلىكىگە ئۇيغۇرلارنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نۆۋەتتىكى سىياسىتىنى ئاڭلىتىشتا ھالقىلىق رول ئوينىماقتا.
سېيبىن ۋەلىت بۇ يىل ئاپرىل ئېيىدا ۋاشىنگتون رايوندىكى ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىدە گۈەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ بېرى بولغان پەرھات ھۇزەيفە ھەققىدە ئېچىلغان سوت جەريانىدا پەرھاتنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ۋە ئۇنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش بىلەن بىرلىكتە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنى ئاقلاپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق پاكىت يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
سېيبىن ۋەلىت ئەپەندى بىلەن ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى قارارى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
سوئال: ھۆرمەتلىك سېيبىن ئەپەندىم، ئالدى بىلەن ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىنىڭ سىزنىڭ پەرھات ھەققىدە سۇنغان ئەرزىڭىزنى قوبۇل قىلىپ، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ھەربىي سوتنىڭ پەرھاتنى دۈشمەن جەڭچىسى دەپ بېكىتكەن قارارىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە چىقارغان قارارى ئۈچۈن سىزنى تەبرىكلەيمەن. سوتنىڭ بۇ قارارىنىڭ سىزچە پەرھات ئۈچۈن ئەھمىيىتى نېمە، بۇ قارار نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟
جاۋاب : سوتنىڭ بۇ قارارى بىزنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى. لېكىن پۈتۈن ئۇيغۇرلار ھەمدە پۈتۈن دۇنيا بۇ قاراردىن خەۋەر تاپقان بىر ئەھۋالدا، پەرھاتنىڭ تېخى بۇ غەلىبىدىن خەۋەر تاپالمىغانلىقى بىزنى ئەپسۇسلاندۇرماقتا. چۈنكى ئۇ ھېلىمۇ يالغۇز ھوجرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بىز ھازىرغىچە ئۇنىڭغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزەلمىدۇق. ئەمما سوتتا بۇنداق بىر غەلىبىگە ئېرىشكەنلىكىمىز ئۈچۈن بىز ناھايىتى خۇرسەن. سوتنىڭ بۇ قارارى بىلەن ئىش تۈگىمىدى. ئەلۋەتتە تېخى قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىش بار.
سوئال : سوتنىڭ جۈمە كۈنىدىكى قارارى نېمىنى ئۆزگەرتتى؟ بۇ قارار گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىدا قانداق بىر ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ؟
جاۋاب: بۇ ئاي ئىچىدە ئىككى مۇھىم ۋەقە يۈز بەردى. 12 - ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا ئالىي سوتى گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكى ھەققىدە ئامېرىكا سوتلىرىغا ئەرز سۇنۇش ھوقۇقى بارلىقى ھەققىدە قارار چىقاردى. ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ قارارىدىن 8 كۈن ئۆتكەندە ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت سوتى پەرھات ھۇزەيفەنىڭ ئەرزى توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى ئېلان قىلدى. سوتنىڭ چىقارغان بۇ قارارى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ پەرھاتنىڭ دۈشمەن جەڭچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىغانلىقىنى ئوچۇق - ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمدى بىز دەرھال سوتقا ئەرز سۇنۇپ، سوتتىن بىرىنچى قەدەمدە گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان پۈتۈن ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى دەرھال تۈرمىنىڭ شارائىتى ياخشىراق بۆلۈمىگە يۆتكەش توغرىسىدا قارار چىقىرىشنى تەلەپ قىلىمىز. ئاندىن گۈەنتانامودىكى پۈتۈن ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئەگەر ھۆكۈمەت ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان بىرەر دۆلەت تاپالمىسا، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشكە رۇخسەت بېرىلىشىنى سورايمىز. ئەلۋەتتە ھۆكۈمەت بۇ تەلىپىمىزنى رەت قىلىشى مۇمكىن. بىز قايتا سوتقا ئەرز سۇنۇشىمىز مۇمكىن. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك فېدېرال ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىنىڭ پارھات ھەققىدىكى قارارى بىز ئۈچۈن چوڭ بىر غەلىبە ھېسابلىنىدۇ. لېكىن تېخى قىلىدىغان نۇرغۇن ئىش بار. (داۋامى بار)