بەزى ئېنىقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 7 نەپىرى تۇنجى بولۇپ قويۇپ بېرىلىپ، ئامېرىكا شىمالىي ۋىرجىنىيە شتاتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، 5 - ماي سەيشەنبە كۈنى، نام - شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر نەپەر ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىمى، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلاردىن بىر نەچچىسىنى ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن.
ھالبۇكى، بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قارارىغا قارشىلىق بىلدۈرۈۋاتقان بولۇپ. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن بولغان، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى تود تىياھرت ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنى ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈش پىكرىگە ئەڭ كۈچلۈك قارشى تۇرغۇچىلاردىن بىرىدۇر.
ئۇ، 6 - ماي چارشەنبە كۈنى، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكى، شۇڭا بۇ " ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا كوچىلىرىدا يۈرۈشى' نى خالىمايدىغانلىقى ھەمدە گۈەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىشىنى توسۇپ قالىدىغان بىر قانۇن لايىھىسى تونۇشتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
بۇ ھەقتە توختالغان بىڭھام مېكۇچېن ئادۋوكاتلىق ئورنىدىكى سۇسەن بەيكېر مەننىڭ خانىم، ئالدى بىلەن گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچى ئەمەسلىكىنى قايتا تەكىتلىدى ۋە مۇنداق دېدى: " بۇ ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشتە باشقا مەسىلە چىقماسلىقى كېرەك. بۇ كىشىلەر ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزگىنى يوق. ئۇلار بۇرۇنمۇ تېررورچى ئەمەس ئىدى ھەم مەڭگۈ تېررورچى ئەمەس." ئۇ يەنە، تونۇشتۇرۇلۇشى مۇمكىن بولغان بۇ خىلدىكى قانۇن لايىھىسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلالمايدىغانلىقى، ئەمما بۇنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى قارىشى پىكىردىكى جۇمھۇرىيەتچىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
" مەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈلۈشتىن توسۇپ قالىدۇ دەپ قارىمايمەن. بۇنىڭغا بەلكىم دۆلەت مەجلىسىدە بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچىلەر قارشى قوپۇشى مۇمكىن. راستىنى ئېيتقاندا، سابىق ھۆكۈمەت ئۆز خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىشنى خالىمىغان ئىدى. بۇ ئۇيغۇرلار خاتا ھالدا تۇتۇلۇپ قالغان. ئەگەر دۆلەت مەجلىسىدە مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ بۇنىڭغا قارشى چىقىدىغانلار بولسا، بۇمۇ ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقى."
مەننىڭ خانىم يەنە، مەيلى بۇ خىل قانۇن چىقىرىلسۇن ياكى چىقىرىلمىسۇن، بۇنىڭ گۈەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشتە ئالاھىدە قىيىنچىلىق تۇغدۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سۇسەن مەننىڭ خانىم:" ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشتە قىيىنچىلىق بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى بۇلار تېررورچى ئەمەس. بوش ھۆكۈمىتىمۇ بۇلارنى يىللار ئىلگىرىلا تېررورچى ئەمەس دەپ بېكىتكەن ۋە سوتمۇ بۇلارنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلىغان."
نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامودىكى ھەربىي تۈرمىسىدە 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇس بار بولۇپ، ئۇلار 2008 - يىلى ئامېرىكا ۋاشىنگتون رايونلۇق سوت تەرىپىدىن ئامېرىكىغا بىرلەشتۈرۈلۈشكە بۇيرۇلغان بولۇپ، ئەمما بۇش ھۆكۈمىتى سوتچى ئۇربىنانىڭ مەزكۇر ھۆكۈمىگە قارشى چىققان ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەرزىيەت سوتىغا ئەرز سۇنغان ئىدى.
نەتىجىدە، ئەرزىيەت سوتى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ، سوتچى ئۇربىنانىڭ ھۆكۈمىنى بىكار قىلغان بولسىمۇ، شۇندىن كىيىن گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ئايرىم كامېرلاردىن بوشىتىلىپ، بىر قەدەر ئەركىن ھەرىكەت قىلغىلى بولىدىغان" ئىگۋانا" يەنى " چوڭ كەسلەنچۈك" لاگېرىغا يۆتكەلگەن ئىدى.
سۇسەن مەننىڭ خانىم ئاخىرىدا، گۈەنتانامودىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىنى، بۇلارنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشنىڭ ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. " ئۆز خاتالىقىمىزنى بوينىمىزغا ئېلىشنى رەت قىلىپ ئۇنى ھەل قىلىش چارىسى تاپالمىغانلىقىم ئۈچۈنلا، بىگۇناھ كېلىشلەرنى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپتۇر. بۇنداق قىلىش ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، بىزنىڭ ئەڭ نېگىزلىك قىممەت قاراشلىرىمىزغىمۇ ئاسىيلىق قىلغانلىقتۇر."
مەننىڭ خانىم گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ھازىر بىڭھام مېكۇچېن ئادۋوكاتلار شىركىتىنىڭ ۋاشىنگتون رايونىدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا خىزمەت قىلىدۇ.
