ئوباما ھۆكۈمىتى ئامېرىكا سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا قارىماي لاگىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكىدا ئېلىپ قالالماسلىقى مۇمكىن. ئۇلار لاگىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بولمىدى دېگەندە كۆپ قىسىمىنى 3 - بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا. بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسا ئاۋستىرالىيە. كانبېررا ھۆكۈمىتى ئوبامانىڭ ئىلتىماسىنى ئويلىشىپ كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ھاكىمىيەت سورىغان مەزگىلدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتىگە 2 قېتىم ئىلتىماس سۇنغان ئىدى. لېكىن ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتى ھەر ئىككىلا قېتىمدا بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلتىماسنى رەت قىلىپ، تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئوباما ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم يەنە ئىلتىماس سۇنۇپ، ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا سوت مەھكىمىسىدە گۇناھسىز دەپ ئاقلانغان، لېكىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى كونسىرۋاتىپ ئەزالار ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە قارشى چىققان ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە پرېزىدېنت ئوبامانىڭ يېقىنقى ئىلتىماسىدا كەۋىن رۇد ھۆكۈمىتىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن 10 كىشىنى ئاۋستىرالىيىگە قوبۇل قىلىشىنى سورىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئاۋستىرالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېفېن سىمىت بولسا ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ مەسىلىنى ئويلىشىدىغانلىقىنى، لېكىن ھەر بىر كىشىنىڭ ماتېرىيالىنى"بىر - بىرلەپ كۆرۈپ چىقىدىغانلىقى"نى بىلدۈرگەن.
سىمىت، ئاۋسترالىيە 10 - تېلېۋىزىيە تورى قانىلىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ": بىز ئىلگىرى بۇنى بۇ تەرتىپكە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلغان ۋە ئۇلار رەت قىلىنغان ئىدى. بىز بۇ قېتىمقى ئىلتىماسنى يەنە شۇ تەرتىپكە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىمىز."
ئاۋستىرالىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئەڭ بۇرۇن جامائەتلەشكەن غەرب ئەللىرىنىڭ بىرىدۇر. "ئاۋستىرالىيە" گېزىتى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر مەلۇماتىدا كانبېررانىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەر، ئاۋستىرالىيىدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەرباپلىرىنى سۆيۈندۈرگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن ئامېرىكا كرىشتايىن ۋە ياڭ قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتى نۇرى تۈركەل ئەپەندى، ئاۋستىرالىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش - قىلماسلىقى يەنىلا ئوباما ھۆكۈمىتىگە بېرىپ چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئوباما ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئاۋستىرالىيىگە تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، گۈنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى ئەرزنى كۆرۈپ چىقىشنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك بىر فېدىراتسىيە سوتى 2008 - يىلى 10 - ئايدا قارار چىقىرىپ، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇۋېتىشنى بۇيرىغان ئىدى. لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى فېدىراتسىيەلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، تۆۋەن سوتنىڭ قارارىنى ئىجىرا قىلىشنى توختاتقان. ئوتتۇرا سوت گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھوقۇقى ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتىنىڭ ئىلكىدىكى ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئەھۋالدا داۋاگەرلەر ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان ئىدى.
كرىشتايىن ۋە ياڭ قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىدىكى نۇرى تۈركەل ئوباما ھۆكۈمىتى مەسىلىنى سوت مەھكىمىسىدە ھەل قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاۋستىرالىيە ئاخبارات ساھەسى بولسا ئەگەر كەۋىن رۇد ھۆكۈمىتى ئوبامانىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئاۋستىرالىيىگە ئورۇنلاشتۇرسا بۇ نازۇك ھالەتتىكى خىتاي - ئاۋستىرالىيە مۇناسىۋىتىدە يېڭى مەسىلە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
گۈەنتانامو مەسىلىسى بېيجىڭ بىلەن كانبېررا ئارىسىدىكى ئىختىلاپ خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ۋە ئاستىرالىيە كانچىلىقىغا مەبلەغ سېلىش پىلانى سەۋەبلىك كۈچەيگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا كرىشتاين & ياڭ قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتى نۇرى تۈركەل ئەپەندى، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ سىياسى " ئويۇنى" غا قۇربان كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
كەۋىن رۇد ھۆكۈمىتى گۈەنتانامو ۋەقەسىدە يالغۇز خىتاينىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلمەسلىكى مۇمكىن. ئۇ دۇچ كېلىدىغان يەنە بىر بېسىم ئاۋستىرالىيىدىكى ئۆكتىچى پارتىيە - گۇرۇھلاردۇر. "ئاۋستىرالىيە" گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋسىتىرالىيە ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى مالكولم تېرنبولل ئامېرىكىنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، "ئەگەر ئامېرىكىلىقلار ئۇلارنى سېدنىي، مىلبورېن، برىسبان شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا خەۋپ - خەتەرسىز يۈرەلەيدۇ، دەپ قارىسا، ئۇ ھالدا ئۇلار ئامېرىكىدىكى ھەر قانداق بىر شەھەرنىڭ كوچىلىرىدا خەۋپ - خەتەرسىز يۈرەلەيدۇ دېگەنلىك" دەپ تەكىتلىگەن.
ئاۋستىرالىيىنىڭ كەۋىن رۇد ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلتىماسىغا بىر قەدەر ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسىنى ئويلىشىدىغانلىقىنى، لېكىن ھەر بىر كىشىنىڭ ماتېرىيالىنى ئايرىم - ئايرىم كۆرۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاۋستىرالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېفېن سىمىتنىڭ ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا، ئاۋسترالىيە بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى قېتىم 2008 - يىلى 12 - ئايدا سۇنغان گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى ئىلتىماسىنى كېيىنكى يىلى 1 - ئايدا يەنى بۇشنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى توشقان مەزگىلدە رەت قىلغان.
بۇ قېتىم ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ سۇنغان ئىلتىماسى ئامېرىكىنىڭ ئاۋستىرالىيىگە سۇنغان 3 - قېتىملىق ئىلتىماسىدۇر.