' تۇتقۇنلارنىڭ دىلوسى ئامېرىكا ئۈچۈن بىر ئەخلاقى مەغلۇبىيەت '

Richard Bernstein ئەپەندى ئۆزىنىڭ " تۇتقۇنلارنىڭ دىلوسى ئامېرىكا ئۈچۈن بىر ئەخلاقى مەغلۇبىيەت" دېگەن ماقالىسىنىڭ بېشىدىلا سۆزىنى مۇنداق باشلايدۇ": تەسەۋۋۇر قىلىنغان مۇنداق بىر مىسال ئەخلاقى خاراكتېرنى ئۆلچەيدىغان ئاسان سىناق بولۇشى كېرەك، مەسىلەن، دۆلەت دائىرىلىرى بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنى قولغا ئالدى ۋە ئۇلارنىڭ نىمە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى دەپ بەرمەي، ئىسپات كۆرسەتمەي ئۇزۇن يىلغىچە، ھەتتا ئۇلارنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشىغا ئاساسى يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلانغىچە تۈرمىدە تۇتۇپ تۇردى."

0:00 / 0:00

ماقالىسدە Richard Bernstein ئەپەندى يەنە مۇنداق دەيدۇ " سەن ئۇلارنى كەلگەن دۆلىتىگە ئەۋەتەلمەيسەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ دۆلىتى بىر دىكتاتورلۇق دۆلەت، ئەگەر ئۇلار دۆلىتىگە قايتۇرۇلسا ئۇلارنى قىينىشى، ھەتتا ئۆلتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن. ئۇ ئادەملەرنى ئالىدىغان باشقا بىر دۆلەت تېپىشقا تىرىشتىڭ، ئەمما ئالىدىغان ھېچكىم چىقمىدى. نىمە قىلىشىڭ كېرەك؟

بۇنىڭ جاۋابى ئۇنداق تەس ئەمەس بولسا كېرەك، بولۇپمۇ بۇ يەردىكى يەنە بىر پاكىتقا قارىساق : بۇ يەردە بىر قىسىم تەشكىلات، ئورۇنلار ئۇلارغا تۇرىدىغان جاي ۋە باشقا جەھەتتە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئوتتۇرىغا چۈشتى. ئەسلىدە ئۇلارنى ئەڭ باشتا تۈرمىگە تاشلىغان كىشىلەرنىڭ دەل ئۆزى، ئۇ ئادەملەرنى بۇ مەملىكەت ۋە خەلققە زىيان سالمايدۇ دەپ قارىغان ئىكەن، ئۇلارنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىپ، ئامېرىكىدا يېڭى بىر ھاياتنى باشلىشىغا يول قويۇشى، بەلكى يىللارچە ناھەق تۈرمىگە سولانغانلىقى ئۈچۈن ئازراق تۆلەم تۆلەپ بېرىشى ئەقەللى بىر ئەخلاق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ئەمەسمۇ؟ "

Richard Bernstein ئەپەندى، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلىش يولى بولغان گۇەنتانامو تۈرمىسىگە سولانغان 17 نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ غەلىتە ۋە كىشىنى بىئارام قىلىدىغان دېلوسىنى ئەگەر مەن بولسام يۇقىرىدا دېگىنىمدەك ھەل قىلغان بولاتتىم دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، " بىراق بۇش ھۆكۈمىتى بۇ يولنى تاللىماي، ئالدىنقى ئايدا ۋاشىنگتون رايونلۇق فېدېرال سوتىنىڭ خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمان ئۇيغۇرلىرىدىن بولغان بۇ كىشىلەرنى دەرھال ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشى كېرەك دېگەن بۇيرۇقىغا كۈچلۈك قارشى تۇرماقتا " دېدى.

گۈەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بەرگەن Richard Bernstein ماقالىسىدە يەنە، " ئۇ ئادەملەر ئاساسەن قۇملۇقلاردىن تەركىپ تاپقان كەڭرى زېمىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن بولۇپ، بۇ زېمىندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېيجىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مىنىستىرى تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز تەنقىدلىنىپ كەلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا يىللىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئېزىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ شىنجاڭنىڭ مۈستەقىللىقىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالىنىۋاتقانلىقى ئېنىق " دەپ تەسۋىرلىگەن.

17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنىش سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالغان ئاپتور، گۇئانتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، 2001 ‏ - يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىنجاڭدىن چىقىپ كېتىپ، خىتاي بىلەن غەربتە قىسقا بىر ئورتاق چېگرىسى بولغان ئافغانىستاندىكى بىر ئۇيغۇر لاگىرىغا كېلىپ تۇرۇپ قالغان 22 نەپەر ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ مىلتىق ئېتىشتىن دەسلەپكى ساۋات چىقارغان ھەمدە ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر مۈستەقىلچىلىرىگە قېتىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرلىنىپ ئېتىراپ قىلغىنىدەك ئۇلارنىڭ تېررورچى بولغانلىقى، ئەلقائىدە ياكى تالىبان بىلەن ھەر قانداق بىر مۇناسىۋىتى بولغانلىقى ياكى ئامېرىكىغا يامان غەرەزدە بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق بىر پاكىتىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن، شۇنىڭدەك 2001 ‏ - يىلىدىكى 11 ‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر لاگىرى بومباردىمان قىلىنغاندا بۇ 22 نەپەر ئۇيغۇر پاكىستانغا قېچىپ بارغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىلىق ئادۋوكاتلىرىنىڭ دېيىشىچە، پاكىستان تەرەپ ئۇلارنى ئامېرىكىغا سېتىۋەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ماقالىدە يەنە، ئەدىلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ 17 نەپەر ئۇيغۇرنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدىكى قاراشلىرىمۇ قىسقىچە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئەدىلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىغا كىمنى كىرگۈزۈش قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدە ئەمەس، بەلكى ئىش بېجىرگۈچى تارماق يەنى ھۆكۈمەتنىڭ دائىرىسىدىكى ئىش ئىكەنلىكى، شۇڭا 17 كىشىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بولۇپمۇ، يەنە بىر دۆلەت ئۇلارنى قوبۇل قىلغىچە گۈەنتاناموغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە ئاپتورنىڭ بۇنىڭغا قارىتا نارازىلىقى مۇنداق تەسۋىرلەنگەن.

" تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى بۇ يەردىكى " ئورۇنلاشتۇرۇلدى" دېگەن چىرايلىق سۆزنى مەسخىرە قىلىشتىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، " ئۇلار گۈەنتانامودا تۈرمىگە سولاقلىق، ھەرگىزمۇ مەرتلىك بىلەن ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغىنى يوق دېيىشتى."

ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ " بېجىرگۈچى تارماق يەنى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ھەتتا ئۆزى گۇناھسىز دەپ ئېتىراپ قىلغان ئادەملەرنى مەڭگۈ قاماپ قويىدىغان ھوقۇققا ئىگە ئەمەس " دەپ چىڭ تۇرۇۋاتقانلىقى ماقالىدە ئالاھىدە تەكىتلەنگەندىن سىرت، ماقالىنىڭ ئاخىرىدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان گەپنىڭ مەيلى ئەخلاق ئۆلچىمىدىن بولسۇن، مەزكۈر دېلونىڭ نېگىزى ئىكەنلىكى نۆۋەتتە بۇ 17 كىشىنىڭ ئامېرىكىغا خەتىرى يوق دەپ قارىلىپ تۇرۇپ، خەتەرلىك تېررورچىلارغا ياسالغان تۈرمىدە ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا " ئورۇنلاشتۇرۇلغان" لىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.