گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە يېقىنلىشىپ قالدى

گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش مەسىلىسى يەنە ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدىكى قىزىق تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە يېقىنلىشىپ قالغان.

0:00 / 0:00

لېكىن قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى، قانچە ئادەمنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى بولسا ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرىدە، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشى مۇقىملىشىپ، ئۇلارنىڭ پات يېقىندا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى، پايتەخت ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ۋىرجىنىيە شتاتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئەنگىلىيە ئەدلىيە مىنىستىرى جەك ستراۋ: "بىز ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ گۇانتانامونى تاقاش سىياسىتىگە كېرەكلىك ياردەمدە بولىمىز ۋە ئۇنى قوللايمىز. ئەگەر بىزگە تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا تەلەپ كەلسە بىزنى بۇ تەلەپنى ئويلىشىمىز،"

ھۆكۈمەتنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىغا دائىر بۇ خەۋەر ئامېرىكىدا يەنە مۇنازىرە قوزغاپ، بۇ مەسىلە يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا سىياسى سەھنىسى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى قىزىق تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

ئوباما ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش مەسىلىسىنىڭ پۈتۈنلەي مۇقىملاشقانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئامېرىكا ABC تېلېۋىزىيە قانىلى "ھەپتىلىك" پروگراممىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوباما ھۆكۈمىتى يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى رەھبەرلىرىگە گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر شتاتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بولسا تۇتقۇنلارغا كېرەكلىك ياردەمدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز تۇرمۇشىنى تېپىۋېلىشىغا يار - يۆلەك بولىدىغانلىقىغا كېپىللىك بەرگەن ئىدى.

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى كرىشتايىن & ياڭ قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتى Nuri Turkel ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىدىغان ۋاقىت يېتىپ كېلىۋاتىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى سەيبىن ۋىللېت ياردەمچىلىرىنى ئېلىپ، يەكشەنبە كۈنى گۈەنتاناموغا قاراپ يولغا چىققان. سەيبىن ۋىللېت ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ گۈەنتانامو سەپىرىنىڭ ئادەتتىكى خىزمەت سەپىرى ياكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى بىر سەپەر ئىكەنلىكى ئايدىڭ ئەمەس.

لېكىن بۇ ساھەدىكى ئادۋوكاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ پات يېقىندا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرگە باھا بېرىشنى رەت قىلىۋاتىدۇ.

جورج كلارك گۈەنتانامودىكى ئەنۋەر ھەسەن ۋە بايىت ئابدۇرېھىملارنىڭ ئادۋوكاتى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ پات يېقىندا ۋاشىنگتونغا يۆتكەپ كېلىنىش ئېھتىمالى بار ‏- يوقلۇقىغا دائىر سۇئاللىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا دائىر بايانلاردا بولۇشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ھازىرچە سىزگە بۇ دىلو توغرىسىدا ھېچقانداق بايانلاردا بولالمايمەن. بۇنداق دېيىشىمدە ئۆزىگە چۇشلۇق سەۋەبلەر بار. ھازىرقى ئەھۋالدا سىزگە ھېچنىمە دەپ بېرەلمەيمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەپۇ قىلغايسىز."

ئادۋوكاتلار گۈەنتاناموغا قاراپ يولغا چىققان شۇ كۈنى، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى ئەرىك خولدېر ياۋروپاغا قاراپ يولغا چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سەپىرىنىڭ نىگىزلىك تېمىسى يەنە شۇ گۈەنتانامو مەسىلىسى ئىدى.

خولدېر سەپەر ئۈستىدە مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامودىكى بىر تۈركۈم تۇتقۇنلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئۈستىدە قارار چىقىرىشقا ئاز قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، "بىز بۇنى تەرتىپكە ئاساسەن بېجىرىۋاتىمىز. مېنىڭ قارىشىمدا بىزنىڭ قارار چىقىرىشىمىزغا ئاز قالدى،" دېگەن.

نۆۋەتتىكى مەسىلە، 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلامدۇ ياكى بىر قىسىمى قوبۇل قىلىنىپ، يەنە بىر قىسىمى 3 ‏- بىر دۆلەتكە تەقسىم قىلىنامدۇ دېگەن مەسىلىدۇر. ئامېرىكىدىكى بەزى مەتبۇئاتلارنىڭ جۈمە كۈنكى خەۋىرىدە 7 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى ئاز دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن Nuri Turkel، ئامېرىكىنىڭ ئۇلارنى تۈركۈمگە بۆلۈپ قوبۇل قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى، بۇ كونسىرۋاتىپلارنىڭ پىكىرىنى پەسەيتىشتىكى تاكتىكا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرىنىڭ ياۋروپا سەپىرىدىكى نىگىزلىك ۋەزىپە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ قالغان تۇتقۇنلارغا باش پاناھ بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش. ئەرىك خولدېر بۇ سەپىرىدە لوندون، پراگا، بېرلىنلارنى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇ ئالدىنقى كۈنى لوندوننى زىيارەت قىلغاندا، ئەنگىلىيە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنى ئۈمىدسىز قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن كىملەرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارا ئىپادە قىلمىغان ئىدى.

ئەنگىلىيە ئەدلىيە مىنىستىرى جەك ستراۋ ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرۇشنىڭ ئالدىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا "بىز ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ گۇانتانامونى تاقاش سىياسىتىگە كېرەكلىك ياردەمدە بولىمىز ۋە ئۇنى قوللايمىز. ئەگەر بىزگە تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا تەلەپ كەلسە بىزنى بۇ تەلەپنى ئويلىشىمىز،" دېگەن.

گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى خەۋەر ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىدىكى بەزى كونسىرۋاتىپ ئەزالاردا ئوخشاشمىغان پىكىر ‏- ئىنكاسلارنى قوزغىغان بولۇپ، كېڭەش پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر McConnell ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن. ئۇ، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى "تېررورچىلار لاگىرىدا تەربىيە ئالغان تۇتقۇنلار" دېگەن شۇنداقلا "ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش"نى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئادۋوكات جورج كلارك McConnell نىڭ باياناتىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "بىر تۈرلۈك بىخەتەرلىك خەۋپى ئۈستىدە سۆز بولۇۋاتىدۇ. بۇ كىشىلەر ئارخىپنى ئېچىپ كۆرۈپ بېقىشى، زۇۋانىنى يىغىشى كېرەك. مەن باياناتنى ئوقۇدۇم، باياناتتا ئۇلارنىڭ تىنچ كىشىلەر ئەمەسلىكىگە دائىر ئىشارەتلەر بار، دەيدۇ. قېنى ئۇ ئىشارەتلەرنى كۆرسىتىپ باقمامدۇ ؟ ئۇنى ئېلان قىلىپ باقمامدۇ ؟ كۆلەڭگۈنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنىۋالماسلىقى كېرەك. سىز ئۇرۇش خىتاباتىغا تايىنىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئىناۋىتىنى ۋەيران قىلدىڭىز، تىنچ ياشاش ئىمكانىيىتىنى يوقاتتىڭىز. مەن ئۇلارنىڭ دىلوسىنى بىلىمەن، مەن ئۇلارنىڭ ئارخىپىنى كۆرگەن."

خولدېر سەيشەنبە كۈنى پراگانى زىيارەت قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر ئەدلىيە مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان ئىدى. چارشەنبە كۈنى بېرلىندا گۈەنتانامو توغرىسىدا دوكلات بەرگەن.

ياۋروپا كومىتېتىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ يىل 3 ‏- ئايدا ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن گۈەنتانامو مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغاندا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىلى گۈەنتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنى ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدە ئېلىپ قېلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئاۋستىرىيىگە ئوخشاش ياۋروپادىكى تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدىغان دۆلەتلەر بولسا، "گۈەنتانامو ئامېرىكا پەيدا قىلغان مەسىلە، بۇنى ئامېرىكا ئۆزى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك،" دېگەن سەۋەبنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.