نۆۋەتتە، ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرى ئارىسىدا، گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى تاقاش پىكرى بىر قەدەر ئۇلغىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ 24 - فېۋرال ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بارلىق دۆلەت مەجلىسى ۋە ئاۋام پالاتا ئەزالىرىغا سۆزلىگەن نۇتقىدا قايتا نامايەن قىلىندى.
پرېزىدېنت ئوباما دۇنيادا دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئامېرىكا قىممەت قارىشى قوغداش ئۈچۈن گۇەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە مۇنداق دېدى: "شۇڭا مەن گۇەنتانامو ساھىلىغا جايلاشقان تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنى تاقاش ھەمدە قولغا چۈشكەن تېررورچىلارنى ئادالەتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتە تىز ھەرىكەت قوللىنىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن ئىدىم."
دېننىس بلاير ": بىزنىڭ ئابرويىمىز تۆۋەنلىمەكتە"
پرېزىدېنت ئوبامانىڭ دۆلەت مەجلىسىدىكى نۇتىقى ئېلان قىلىنىپ ئىككىنچى كۈنى يەنى، 25 - فېۋرال چارشەنبە كۈنى، جاسۇسلۇق ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكنىڭ ھەر ساھەسىگە ياتىدىغان ئۇچۇر - ئاخباراتقا مەسئۇل ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات دىرېكتورى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا جايلاشقان گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ تۈرمىنى تاقاش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات دىرېكتورى دېننىس بلاير مۇنداق دېدى: "باشقا دۆلەتلەر بىز بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشىنى خالىمايۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئابرۇيىمىز تۆۋەنلىمەكتە."
لېئون پانېتتا: مەھبۇسلار يەرلەشتۈرۈلگەن دۆلەتلەردە خورلىنىشقا ئۇچراپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز
ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ يېڭىدىن بېكىتىلگەن باش دىرېكتورى لېئون پانېتتامۇ، نۆۋەتتە ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىر قىسىم مەھبۇسلارنى يەرلەشتۈرىدىغان دۆلەتلەر ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى، گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ كېيىن يەنە قىيىن - قىستاق ۋە ياكى تەن جازاسىغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن، قويۇپ بېرىلىدىغان دۆلەتلەرنى تاللاشتا شۇ دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ( CIA) باش دىرېكتورى لېئون پانېتتا، مەزكۇر مەھبۇسلار يەرلەشتۈرۈلگەن دۆلەتلەردە خورلىنىش ياكى ناچار مۇئامىلىگە ئۇچراپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە: " مەنچە بىز، شۇنداق ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىپلوماتىيە جەھەتتە شۇ دۆلەتلەردىكى ئۆز مەۋجۇدلۇقىمىز بىلەن كاپالەتلىك بېرىمىز" دېدى.
ئەرك ھولدېر": بۇ خىزمەت بۇ كىشىلەر ئادىل مۇئامىلىگە ئۇچۇرىغا ئاساستا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ"
ئۇنىڭدىن باشقا، 23 - فېۋرال دۈشەنبە كۈنى گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ قايتقان ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى ئەرك ھولدېرمۇ، بۇ تۈرمىدە مەھبۇسلارغا ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە " گەرچە بۇ بىر قىيىن خىزمەت بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىزمەت بۇ كىشىلەر ئادىل مۇئامىلىگە ئۇچۇرىغا ھەمدە ئامېرىكا خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ئاساستا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ" دېدى.
ھالبۇكى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئىچىدە گۇەنتانامو تۈرمىسىنىڭ تاقىلىشىنى قوللىمايدىغانلارمۇ بار بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئەزاسى جەيمىس ئىنھوف ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.
ئىنھوف ئەپەندىنى قارىشىچە، گۇەنتانامو ئامېرىكا خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتە بۇ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان مەھبۇسلارنى ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر قانۇن لايىھىسى ئۈستىدە ئىشلىمەكتە.
نۆۋەتتە، ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە "دۇشمەن جەڭچىسى ئەمەس" دەپ ئاقلانغان 17 نەپەر ئۇيغۇر ياشمۇ بار بولۇپ، ئۇلار بارىدىغان يېرى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىرغىچە مەزكۇر تۈرمىدە ئىزتىراپ چەكمەكتە.
مەزكۇر ياشلارنى ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كېلىش ھۆكۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ياشلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى بۇ دېلو ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.