' گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز '

بارغانچە ئۇلغىيىۋاتقان گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى تاقاش پىكرى، مەزكۇر تۈرمىگە قامالغان 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ كېيىنكى تەقدىرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھەر خىل سوئاللارنى مەيدانغا چىقارماقتا.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر سىياسىي ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ھەمدە مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە يەرلەشتۈرۈش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويغىنى يوق.

يېڭى سايلانغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما سايلام رىقابىتى جەريانىدا، گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئورۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە پرېزىدېنت بولۇپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن كىيىن گۇئانتانامونى تاقايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئېلىزابېت پ. گىلسون:" ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلار گۇئانتانامودا ئەڭ ئاخىرىغىچە قالىدىغان ئىش بولسىمۇ، بىز بۇلار ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز."

دەرۋەقە، 12 - يانۋار دۈشەنبە كۈنى، باراك ئوبامانىڭ مەسلىھەتچىلىرى، باراك ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغان بىرىنچى كۈنى ۋە ياكى بىرىنچى ھەپتىسى، گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى تاقاش بۇيرۇقى چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە باراك ئوبامامۇ يېقىندا يەنە، ئامېرىكا كولومبىيە تېلېۋىزىيە سىستېمىسى ‏ - (CBS) تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا گۇئانتانامونى تاقايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن ئىدى.

ئەرىك ھولدېر: "گۇئانتانامو چوقۇم تاقىلىدۇ "

تۈنۈگۈن يەنى، 15 - يانۋار، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قانۇن كومىتېتىدا، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باش مىنىستىر نامزاتى ئەرىك ھولدېرنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، ئەرىك ھولدېرمۇ گۇئانتانامو تۈرمىسىنىڭ تاقىلىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " گۇئانتانامو تاقىلىدۇ. يېڭى سايلانغان پرېزىدېنت باراك ئوبامامۇ سايلام رىقابىتى جەريانىدا بۇ ھەقتە ۋەدە بەرگەن. دېمەكچى بولغىنىم، بىز مۇشۇ سۆزلەرنى ئېيتىۋاتقان دەقىقىلەردىمۇ، بۇ تۈرمىنى تاقاش ئىشلىرى ھەققىدە ھەرخىل قەدەملەر ئېلىنىۋاتىدۇ."

يېڭى تەيىنلىگەن ئەدلىيە مىنىستىرى ئېرىك ھولدېر يەنە، مەزكۇر تۈرمىنى تاقاش قىيىن بولمىسىمۇ، بۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئادەملەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىنىڭ ئانچە ئاسان ۋەزىپە ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما، ئۇ ئاخىرىدا كۈچلۈك رەۋىشتە يەنە "گۇئانتانامو چوقۇم تاقىلىدۇ"دەپ خىتاب قىلدى.

17 نەپەر ئۇيغۇر ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە 2001 - يىلىدىن بۇيان ئىزتىراپ چەكمەكتە. مەزكۇر تۈرمىگە قامالغان 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بولۇۋاتقان زاتلار، ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن راھەت تۇرمۇش ۋە بىخەتەر ماكان تېپىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئېلىزابېت پ گىلسون:"مېنىڭ ھازىر ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈدىغىنىم، بۇ 17 نەپەر ئۇيغۇر بالىنىڭ راھەت بىر جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى"

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئادۋوكات ئېلىزابېت پ. گىلسون (Elizabeth P. Gilson) خانىم، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت گۇئانتانامو ئۇيغۇرلىرىنى بىخەتەر بىر يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بەكرەك باش قاتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

" مېنىڭ ھازىر ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈدىغىنىم، بۇ يەرگە قامالغان 17 نەپەر ئۇيغۇر بالىنىڭ بىخەتەر ھەم راھەت بىر جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى. بۇ بالىلار 2002 - يىلىدىن بۇيان تۈرمىدە ياتماقتا. ئۇلار 'دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس' دەپ ئاقلانغان. ھۆكۈمەتمۇ بۇلارنىڭ گۇناھسىزلىقىغا قايىل."

ئادۋوكات ئېلىزابېت پ. گلىسون خانىم (Elizabeth P. Gilson ) 'بىگۇناھ' ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان بولسىمۇ، ئەمما بارىدىغان يېرى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە داۋاملىق يېتىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئادۋوكاتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ھازىر كوننېكتىكۇت شتاتىدا ھايات كەچۈرمەكتە.

بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈۋاتقان بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ پىكىرى ئۆزگىچە

ھالبۇكى، بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈۋاتقان بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ پىكىرى ئۆزگىچە بولۇپ، ھازىر گېرمانىيىنىڭ فرانكفورت شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر يازغۇچىسى، شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كۈرەش ئاتىخان، 7 يىلدىن بېرى گۇئانتانامو تۈرمىسىدە 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بىھۇدە ئازاب چەككەنلىكىنى، گەرچە ئۇلار ئامېرىكا ئەدلىيە ۋە ھەربىي تارماقلىرى تەرىپىدىن "گۇناھسىز" دەپ ئاقلانغان، دېموكراتىيىنىڭ سىمۋولى بولغان ئامېرىكىدىمۇ تېخىچە ئەركىنلىككە ئېرىشەلمەي كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ جەرياندا مەزكۇر ئۇيغۇرلار تۆلىگەن بەدەللەر تۈپەيلى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسىنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان دەرىجىدە يۇقىرى بالداققا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

گىلسون خانىم: " ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئوبيېكت"

ئامېرىكىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۆزى تۇتۇپ كېلىپ، ھېچقانداق گۇناھ ئارتالمىغان شارائىتتىمۇ يەنە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداق تۇرۇپمۇ ئۇلارنى ئامېرىكىغا ياندۇرۇپ كېلىشنى رەت قىلىپ، ياكى ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان 3 - بىر دۆلەت تاپالماي كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان گىلسون خانىم، بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ئالدى بىلەن بۇ ئۇيغۇرلاردىن بىرى قىسىمنى بولسىمۇ ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: " ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئوبيېكت. چۈنكى ئۇلار گۇناھسىز. شۇنداق شارائىتتا ئامېرىكا بۇلاردىن بىر قىسىمىنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كەلمەي تۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بۇ بالىلارنى ئېلىڭلار دەپ تاڭالمايدۇ. بىز ئوباما ھۆكۈمىتىدىن ئۈمىد كۈتىمىز. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى گۇئانتانامونى تاقاشقا ياردەم قىلىشى مۇمكىن."

2008 - يىلى 7 ‏ - ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون رايونلۇق سوتنىڭ سوتچىسى رىكاردو ئۇربىنا (Judge Ricardo Urbina) ئەپەندى گۇئانتانامو ئۇيغۇرلىرى ئۈستىدە ئېچىلغان سوتتا، بۇ ئۇيغۇرلارنى دەرھال تۈرمىدىن بوشىتىپ ئامېرىكىغا ھازىر قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن ئىدى. ئەمما بۇش ھۆكۈمىتى ئۇربىنا ئەپەندىنىڭ قارارى ئۈستىدىن ئەرزىيەت سوتىغا ئەرز سۇنغان بولۇپ، مەزكۇر دېلو ئۇستىدىن ھازىرغىچە بىرەر قارار چىقىرىلمىدى.

گىلسون خانىم:" بىز بۇلار ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز "

ناۋادا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرزى قوبۇل قىلىنىپ، سوتچى ئۇربىنا ئەپەندىنىڭ ھۆكۈمى كۈچتىن قالدۇرسا ئۆزلىرىنىڭ داۋاملىق قاتلاممۇ ‏ - قاتلام ئەرز سۇنۇپ مەزكۇر ئۇيغۇرلار ئازاد بولغۇچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئادۋوكات گىلسون خانىم يەنە، بۇ ئۇيغۇرلارنى گۇئانتانامودىن باشقىلاردىن بۇرۇن چىقىرىپ كېتىشتە غەلىبە قازىنىش ئۇچۇن دىپلوماتىك ۋاسىتىلەر ئۈستىدىمۇ ئىزدىنىپ كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

"بىز ئەلۋەتتە يۇقىرىغا ئەرز سۇنىمىز. ئۇلارغا 2002 - يىلىلا ئەركىنلىككە چىقىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. بىز سوتنىڭ قارارىغا قارايمىز. ئەگەر بىز يەنە دىپلوماتىك چارىلەر ئۈستىدىمۇ ئىزدەنمىسەك، بۇ بالىلار بۇ يەردىن باشقىلاردىن بۇرۇن چىقىپ كېتەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ. ئەگەر بۇ بالىلار گۇئانتانامودا ئەڭ ئاخىرىغىچە قالىدىغان ئىش بولسىمۇ، بىز بۇلار ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز."