سوتتا بىرىنچى بولۇپ سۆز قىلغان سېبىن ۋەلىت، ھۆكۈمەتنىڭ پەرھاتنى گۈەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ ھەم خەلقئارا قانۇنلارغا ھەم ئامېرىكىنىڭ قانۇنلىرىغا شۇنداقلا ھۆكۈمەت ئۆزى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى چىقارغان قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
پەرھاتنىڭ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئەلقائىدە ۋە تالىبانلار بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ئەزاسى دەپ 6 يىلدىن بېرى گۈەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئادۋوكات سېبىن ۋەلىت، "پەرھاتنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ئەزاسى بولغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق دەلىل - ئىسپات مەۋجۇت بولمىغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ تالىبان ياكى ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق ئىسپات مەۋجۇت ئەمەس" دېدى. ئۇ شۇنداقلا، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن، گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنى سوتلاش ئۈچۈن قۇرۇلغان ھەربىي سوتنىڭ، پەرھات ھەققىدە چىقارغان ھۆكۈمىدە شەرقىي شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقى ياكى ئامېرىكىغا قارشى تېررورلۇق ھۇجۇملار پىلانلانغانلىقى ھەققىدە دەلىل - ئىسپات يوقلۇقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
11 - سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلغان ۋە دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇندا، 11 - سېنتەبىر پىلانلاپ، ئېلىپ بارغان، بۇ ھۇجۇمنى پىلانلىغانلارغا ياردەم بەرگەن ياكى ئۇلارنى قوغدىغان تەشكىلات ۋە كىشىلەرنىڭ نىشانغا ئېلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئادۋوكات سېبىن ۋەلىت، " ھەتتا ئامېرىكا ئارمىيىسىمۇ پەرھاتنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ بۇ كاتېگورىيە ئىچىگە كىرمەيدىغانلىقىنى بايان قىلماقتا" دېدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قارار چىقارماسلىقى كېرەك دەپ تەكىتلىگەن سېبىن ۋەلىت "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچىلار تىزىملىكىدە دالاي لاما قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلەر بار ، گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن باشقا دۈشمىنى يوق. شۇڭا خىتايدىن باشقا دۆلەت ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىۋاتىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا ھۆكۈمەتنىڭ پەرھاتنى گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇش قارارىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ھەققىدىكى ھۆكۈمىنى ئاقلاشقا تىرىشقان ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئادۋوكاتى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ تالىبان ۋە ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
لېكىن، باش سوتچى سەنتەللە ۋە ياردەمچى سوتچىلارنىڭ، پەرھاتنى نېمە سەۋەبتىن تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ھەققىدە ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا نېمە دەلىل - ئىسپات مەۋجۇت ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشتە قېيىن ئەھۋالدا قالغان ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئادۋوكاتى، ھۆكۈمەتنىڭ پەرھاتنىڭ تۈرمىدىكى شارائىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باش سوتچى بۇ مەسىلىدە قارار بېرىش ئۈچۈن، پەرھاتنىڭ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئادۋوكاتلىرى بىلەن ئايرىم كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سوتنىڭ بۇندىن كېيىنكى بۆلۈمىنىڭ ئاممىغا يېپىق بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ۋاشىنگتون رايوندىكى بەزى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە بۇگۈنكى سوتقا قاتناشقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بۈگۈنكى سوت مەھكىمىسى ھەققىدىكى تەسىراتىنى مۇنداق ئىپادىلىدى.
0:00 / 0:00