گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى يەنە مۇئەللەقتە قالدى
2011.04.25

ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ بۇ قارارى نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟ بۇ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا يەرلىشىش ئارزۇسىنىڭ يوققا چىققانلىقىنىڭ ئىپادىسىمۇ؟ بىز ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ 5 ئۇيغۇر ھەققىدە چىقارغان قارارى ھەققىدە ۋاشىنگتوندىكى ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىغان پروگراممىغا دىققەت بەرگەيسىلەر.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 2001-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەرىكەتلىرى جەريانىدا قولغا ئېلىنىپ، كۇبادىكى گۇەنتانامو تۈرمىسىگە سولانغان 22 ئۇيغۇرنىڭ ئامېرىكا دۈشمىنى بولمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ «خاتا ۋاقىتتا، خاتا جايدا تۇرۇپ قالغان» گۇناھسىز كىشىلەر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان 3-دۆلەت ئىزدەپ كەلگەن. ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم دىپلوماتىيىلىك پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ 17 نەپىرى ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ، ئالبانىيە، پالاۋ، بېرمۇدا ۋە شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.
ھازىر گۇەنتانامو تۈرمىسىدە قالغان يەنە 5 ئۇيغۇر بولسا، تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى پالاۋنىڭ ۋەتەنداشلىق سىياسەتلىرى قاتارلىق بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پالاۋغا بېرىشنى رەت قىلغان ۋە ئامېرىكا فېدېرال سوتىغا ئەرز سۇنۇپ، ئۆزلىرىنى ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. 2008-يىلى ئامېرىكىدىكى رايونلۇق فېدېرال سوت ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىن ئوتتۇرا سوت مەزكۇر قارارنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئىدى. ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، قايتا ئەرز سۇنغاندىن كېيىن ئامېرىكا ئالىي سوتى مەزكۇر داۋانى كۆرۈپ چىقىشقا قارار قىلغان. ئەمما ئالدىنقى ھەپتە يەنى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكا ئالىي سوتى داۋانى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن رەسمىي قارار چىقىرىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا يەرلىشىش تەلىپىنى رەت قىلدى. ئۇنداقتا ئامېرىكا ئالىي سوتنىڭ چىقارغان بۇ رەت قارارى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
يۇقىرىدا بىزگە چۈشەنچە بەرگەن ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىدۇر. ئۇ ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ مەزكۇر رەت قارارىنى چىقىرىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى.
5 ئۇيغۇرنىڭ ئامېرىكىغا ئورۇنلىشىش تەلىپى رەت قىلىنغاندىن كېيىن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ئامېرىكىدا چىقىدىغان داڭلىق گېزىتلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئېلان قىلىنىپ، بۇ ھەقتە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىندى. نيۇ يوركېر، لوس-ئانجېلىس ۋاقتى، ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئوبزورلاردا بۇ 5 ئۇيغۇرنىڭ ئامېرىكىغا ئورۇنلىشىش تەلىپىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىش تۇيغۇسى ھاكىم بولدى. ئۇنىڭدا ئاقلانغاندىن كېيىنمۇ 9 يىلغىچە گۇەنتانامودا تۇرۇۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەكلىكى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا ئەكېلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا ئالاھىدە ئەھۋاللاردا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىلەن بىرلىكتە ئەسكىرىي ۋە كۆچمەن مەسىلىسىدە ئالاھىدە قارارلارنى چىقىرىش ھوقۇقى بېرىلگەن. يەنى ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا ئەسكىرى ۋە ياكى كۆچمەن مەسىلىسىدە ئالاھىدە قارار چىقىرىش، قوماندانلىق قىلىش، ئەمىر بېرىش ئىمتىيازى بېرىلگەن. گەرچە بۇ 5 ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسىدىمۇ ئوبامانىڭ شۇنداق ئىمتىيازى بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئوبامانىڭ قارارىنى قوللاپ -قوللىمايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئوباما 5 ئۇيغۇرنى ئامېرىكىغا ئەكېلىمەن دېگەن تەقدىردىمۇ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇنى قوللىشى ئېھتىمالدىن بەك ئۇزاق بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيەتمۇ بۇ 5 ئۇيغۇرغا پايدىلىق يۆنىلىشتە ئەمەس ئىكەن.
يەنى، يۇقىرىدىكى سۆزلەردىن مەلۇم بولغاندەك، 5 ئۇيغۇرنىڭ داۋاسى دۇنيانىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ئىچكى سىياسەت ۋەزىيىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن. ئامېرىكا ئالىي سوتىدا قارار چىقىرىدىغان ئەزالارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىنتايىن كونسېرۋاتىپ ئەزالاردىن تەركىب تاپقان بولۇشى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىدىغان ئەزالارنىڭ بولسا ئاز ساندا بوپقېلىشى بۇ5 ئۇيغۇر ھەققىدە رەت قارارىنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولغان. ئۇنداقتا ئەمدىكى قەدەم نېمە، ئۇلارنىڭ تەقدىرى قانداق بولماقچى؟ نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، داۋا يەنە كەلگەن جايىغا قايتىپ كەتكەن بولۇپ، ئاخىرقى ھېسابتا ئامېرىكىلىق دىپلوماتلار ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيىلىك كۈچىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، قاچان بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىدىغان ھەم شۇنداقلا بۇ ئۇيغۇرلارمۇ بېرىشقا قوشۇلىدىغان 3-بىر دۆلەت تاپقاندا ئاندىن بۇ مەسىلە ھەل بولىدىكەن. يەنى، «خاتا ۋاقىتتا خاتا جايدا» تۇرۇپ قالغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان ياكى ئامېرىكا بىلەن بولغان دىپلوماتىيىلىك مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان 3-بىر دۆلەتنىڭ قولىدا قالدى.