پەرھات ھۇزەيفەنىڭ باش ئادۋوكاتى سېبىن ۋەلىت ئەپەندىم بىلەن سۆھبەت (1)

4‏- ئاپرىل كۈنى ۋاشىنگتون رايونىدىكى ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىدە، گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ بېرى بولغان پەرھات ھۇزەيفەنىڭ ئەرزى ئۈستىدە ئوچۇق سوت ئېچىلغان ئىدى. سوتتا، گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ باش ئادۋوكاتى سېبىن ۋەلىت، پەرھاتنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ گۈەنتانامودا سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرلىكتە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ياكى ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ھەققىدە ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى.

0:00 / 0:00

بۇ قېتىمقى سوت ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ئۈستىدە پەرھاتنىڭ ئادۋوكاتى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئادۋوكاتى ۋە سوتچىلار ئوتتۇرىسىدىكى قىزغىن مۇنازىرىلەرگە سەھنە بولدى. بۇ سوت شۇنداقلا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تەرەپنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن شەرقىي تۈركسىتان ئىسلامىي ھەرىكىتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىگە قارشى ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرۈلگەن تۇنجى رەسمىي سورۇن ئىدى.

سوتتا، گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ باش ئادۋوكاتى سېبىن ۋەلىت، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە قارشى، پەرھاتنى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنى ئاقلىدى. ئۇ، پەرھات تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغىنىدەك شەرقىي تۈركسىتان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەمەسلىكىنى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ، گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ باش ئادۋوكاتى سېبىن ۋەلىت بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.