فاتىمە ئىبراھىم مەنۇفى خانىم مۇندىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنى ھەققىدە كۆپلىگەن قىممەتلىك ماقالىلارنى يازغان ئىدى. " ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى "، " شەرقىي تۈركىستانغا ئىسلامنىڭ كىرىشى"، " شاڭخەي ئىتتىپاقىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى"،" ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر"،" گۈئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار " دېگەن ماۋزۇلاردا يازغان ماقالىلىرى ئىسلام دۇنياسىدا كەڭ قوللاشقا ئېرىشىپ كەلگەن ئىدى.
2009 - يىلى 13 - ئىيۇن كۈنى ئۇنىڭ " گۈئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا يورۇق دۇنيا كۆرۈنمەكتە" دېگەن تېمىدىكى ماقالىسى"ئەل ھايات" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئەرەب دۇنياسىدىكى ئېنتېرنېت تورلىرى بۇ ماقالىنى ئارقا - ئارقىدىن تورلىرىدا ئېلان قىلىشقا باشلىغان.
يازغۇچى فاتىمە ئىبراھىم مەنۇفى خانىم ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:" ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى گۈئەنتانامو تۈرمىسىدىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۇلارنى ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئەركىن دۆلەتلەردىن بىرەرسىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى تەلەپلەر، ئىنسانپەرۋەرلىك ھېس - تۇيغۇلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن ئاۋازلار ھەممىلا يەردە ياڭراپ كەلگەن بولسىمۇ، مۇندىن بۇرۇن ئالبانىيە ھۆكۈمىتى 5 نەپەر ئۇيغۇرنى دۆلىتىگە قوبۇل قىلغىنىدىن باشقا، ھازىرغىچە قالغان 17 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت ئوتتۇرىغا چىقمىغان ئىدى. مەلۇمكى، گۈئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار 2002 - يىلى ئافغانىستاندىن خاتالىق بىلەن تۇتۇپ كېلىنگەنلەر بولۇپ، ئۇلار ئەسلىدە، دۆلىتىدىكى جەبىر - زۇلۇم تۈپەيلى قوشنا دۆلەتكە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان، تېررورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغانلىقى ئىسپاتلانغان، بىگۇناھ ئۇيغۇرلار ئىدى. ئۇلار ئەمدىلا ئافغانىستانغا چىقىپ، ئارام ئالاي دەپ تۇرغان ۋاقتىدا، ئامېرىكىنىڭ ئەلقائىدە ۋە تالىبانغا قارشى ئۇرۇشى باشلانغان، ئۇلار پاكىستانغا قېچىپ بېرىپ، شۇ جايدا پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، پاكىستان ئەسكەرلىرى ئىچىدىكى بىر تىيىن ئۈچۈن ئادەم بېشىنى ساتىدىغان بىر قىسىملىرى كۆپ مىقداردا پۇل ئېلىش بەدىلىگە يالغاندىن بۇ ئۇيغۇرلارنى ئەلقائىدەنىڭ ئەزالىرى سۈپىتىدە، ئامېرىكا قوشۇنلىرىغا سېتىۋەتكەن ئىدى."
گۈئەنتانامۇ تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلار گۇناھسىز ئىدى
يازغۇچى ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دېگەن:" گۈئەنتانامو تۈرمىسىگە تۇتۇپ كېلىنگەن بۇ ئۇيغۇرلار نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى ۋە زور كۈنلەرنى باشلىرىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ گۇناھسىزلىقى ئىسپاتلىنىپ، ئۇلارنى قويۇپ بېرىش قارارى چىققان بولسىمۇ، ئۇلار ھازىرغىچە بۇ تۈرمىدىن قۇتۇلالمىغان ئىدى. بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى خالىمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنى خىتاي دۆلىتىدەك ئۆلۈم جازاسى بار بىر دۆلەتكە تاپشۇرۇپ بېرىشنىڭ ئۆزى ئۇلارنى ئۆلتۈرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى ئەركىن دۆلەتلەرنىڭ قوبۇل قىلىشىنى كۈتكەن ئىدى."
ئوباما قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەردىن بىرى ئۇيغۇرلارغا قىلغان غەمخورلىقىدۇر
يازغۇچى فاتىمە ئىبراھىم ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دېگەن :" ئوباما گۈئەنتانامو تۈرمىسىنى ياپىدىغانلىقىنى سۆزلەپ، تۇنجى ئىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشى بولدى. ئوباما دائىرىلىرى گۈئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ھۆر دۆلەتلەردىن بىرسىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان مۇشۇ پەيتلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا. ئامېرىكا گۈئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ھەرگىز قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى بۇرۇنلا ئېنىق جاكارلىغان ئىدى. 4 نەپەر ئۇيغۇرنى پالاۋ دۆلىتىنىڭ قوبۇل قىلىشقا ھازىر بولغانلىقى ئوباما سىياسىتىنىڭ ئاۋۋالقى غەلىبىلىرىدىن بىرى بولدى ۋە گۈئەنتانامودىكى قالغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چىقىش يولى ھازىرلانغان بولدى. دۇنيادىكى ھۆر دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىمۇ دۆلىتىگە قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ۋەتەنسىزلىك دەردىدىن قۇتقۇزۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن. چۈنكى گۈئەنتانامو تۈرمىسىدە قالغان ئۇيغۇرلارمۇ ھۆر دۆلەتلەرنىڭ مېھرىبانلىقىنى ۋە ئىنسانىي ھېسداشلىقىنى كۈتۈپ تۇرماقتا. ئۇيغۇرلار مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى مۇسۇلمان خەلق. ئۇلار مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭمۇ قېرىنداشلارچە ياردىمىگە مۇھتاج."
قاتارنىڭ" ئەل جەزىرە" تېلېۋىزور قانىلى 14 - ئىيۇن كۈنىدىكى ئاڭلىتىشىدا، ئوبامانىڭ قولغا كەلتۈرۈشكە باشلىغان ئىجابىي نەتىجىلىرى ھەققىدىكى خەۋىرىدە، گۈئەنتانامو تۈرمىسىدىكى 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھۆر دۇنياغا چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:" ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەقىقىي تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئاساسلىق ئىستراتېگىيىسى قىلغان ھالدا، يېڭى دەۋرگە ئۆتكەن بولدى، گۈئەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بەزىسىنىڭ ئازادلىققا ئېرىشكەنلىكى بۇ سىياسەتنىڭ ئەمەلىي ئىپادىلىرىدىن بىرى سانىلىدۇ."