شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا، ئۆتكەن ھەپتە پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دائىرىلىرىگە مەكتۇپ يوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىلەردىن 60 نەپىرىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسا، مەزكۇر دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇئىس ئامادو ياۋروپا ئەللىرىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىگە خەت يېزىپ، گۇئانتانامونى تاقاش تىرىشچانلىقىغا ئاۋاز قوشۇشقا چاقىردى.
لۇئىس ئامادو:"ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىمىز ھەققىدە ئېنىق سىگنال يەتكۈزۈشىمىز كېرەك"
ۋاقىت گېزىتىنىڭ تورى بېتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇئىس ئامادونىڭ مەكتۇبىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئامادو گۇئانتانامونى تاقاش ئىشلىرىدا ياۋروپا ئەللىرى مەيدانغا چىقىدىغان پەيتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە: " بىز تۇتقۇنلارنى قايتا يەرلەشتۈرۈش مەسىلىسىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىمىز ھەققىدە ئېنىق سىگنال يەتكۈزۈشىمىز كېرەك" دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
پورتۇگالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامادونىڭ يۇقىرىقى چاقىرىقنامىسى ئېلان قىلىنىپ بىر ھەپتە ئۆتمەي، يەنى 2009 - يىلىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، ئەنگلىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى تونىي بىلايېرنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى پېتىر گولدسىمىت ئەنگلىيە رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى گۇئانتانامو تۇتقۇنلىرىنىڭ بىر قىسمىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار بولۇشقا چاقىردى.
يۇقىرىقى دۆلەتلەردە مەيدانغا چىقىۋاتقان مەزكۇر پىكىرلەر گۇئانتانامو مەسىلىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان كۆزەتچىلەر ۋە قانۇنشۇناسلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە.
ئەندي ۋورتىڭتون : "گۇئانتانامونى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خاتالىقى دەپ قارايدىغان نارازىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشى كېرەك"
گۇئانتانامو تۇتقۇنلىرى ھەققىدە كۆپ ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان ئەنگلىيىلىك يازغۇچى ئەندي ۋورتىڭتون(Andy Worthington ) ئەپەندى، پېتىر گولدسىمىتنىڭ چاقىرىقىنى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ كۆرسەتتى ۋە مۇنداق دېدى: " مەنچە ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەر، ئۇلار ئۆز - ئارا ئىختىلاپلارنى ۋە گۇئانتانامونى پەقەت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خاتالىقى دەپ قارايدىغان نارازىلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، مەزكۇر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان ئاساستا، قانداق قىلىپ نەچچە ئون تۇتقۇننى ئۆز - ئارا بۆلۈشۈپ قوبۇل قىلىدىغان ئامالنى تېپىپ چىقىشتىن ئىبارەت، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ مەزكۇر مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىسىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ".
Andy Worthington ئەپەندىم "گۇئانتانامو ھۆججەتلىرى: ئامېرىكىنىڭ قانۇنسىز تۈرمىسىدىكى 774 تۇتقۇننىڭ ھېكايىسى " ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى بولۇپ، ئۇ يەنە ياۋروپا ئەللىرىگە نىسبەتەن، گۇئانتانامودىكى گۇناھسىز دەپ ئاقلىنىپ چىققان بىر نەچچە تۇتقۇننى قوبۇل قىلىپ، ئۇزۇندىن بېرى ئارىلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يۈز تۇتىدىغان پەيت كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە 250 تۇتقۇن قامالغان بولۇپ، خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، باراك ئوباما بۇ يىل 20 - يانۋار ھوقۇق ئۈستىلىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنلا، مەزكۇر تۇتقۇنلار دېلوسىغا قايتا قاراپ چىقىشقا باشلايدىكەن.
نۆۋەتتە گۇئانتانامودا 17 نەپەر ئۇيغۇر ياشمۇ قامالغان بولۇپ، گەرچە بۇ ياشلار ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ۋە قانۇن - ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن گۇناھسىز دەپ ئاقلانغان بولسىمۇ، ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان بىرەر دۆلەت چىقمىغانلىقى سەۋەبىدىن داۋاملىق مەزكۇر تۈرمىدە ئىزتىراپ چەكمەكتە ئىدى.
ئىككى ھەپتە ئىلگىرى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەكىلى گائۇنتەر نوك يېڭى سايلانغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى تاقاش پىلانىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر ھەربىي تۈرمىدە يېتىۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.
بىرقىسىم ياۋروپا ئەللىرىنىڭ گۇئانتانامو تۈرمىسىدىكى تۇتقۇنلارنى بۆلۈشۈپ قوبۇل قىلىش مەيدانىنى ئىپادىلىگەنلىكىنىڭ، ئوباما ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر تۈرمىنى تاقاش پىلانى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان باش شىتابى نيۇيورك شەھىرىگە جايلاشقان "ئاساسىي قانۇندىكى ھوقۇقلارنى قوغداش مەركىزى" دىكى ئادۋوكات ئەمى ماكلىن (Emi Maclean)، باراك ئوبامانىڭمۇ ھوقۇقنى قولغا ئالغاندىن كىيىن، گۇئانتانامونى تاقاش پىلانىنى ئۇتۇقلۇق ئورۇنداش ئۈچۈن، بۇ جايدىكى تۇتقۇنلاردىن بىر نەچچىنى ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بىر قانچە كونكرېتنى قەدەملەرنى بېسىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
"ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈلىدىغانلار ئارىسىدا چوقۇم ئۇيغۇرلار بولۇشى كېرەك"
ئەمى ماكلىن (Emi Maclean) ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈلۈشى مۇمكىن بولغان گۇئانتانامو تۇتقۇنلىرى قاتارىغا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قوشۇلۇشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: " بىز بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇشىنى ئەلۋەتتە ئارزۇ قىلىمىز. ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈلىدىغانلار ئارىسىدا چوقۇم ئۇيغۇرلار بولۇشى كېرەك. ھازىر گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلسا ئەلۋەتتە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلسا تەن جازاسىغا، قىيناشقا ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق. خەلقئارا قانۇن ۋە ئامېرىكىنىڭ قانۇنلىرى ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنى مەنىي قىلىدۇ."
ئۇ يەنە باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىشىكىنى ئېچىشىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە "شۇنداق بولغاندا، بۇ يەرگە خاتا ھالدا قامىلىپ قالغان بۇ ئۇيغۇرلار ھاياتىنى يېڭىدىن باشلاش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ" دېدى.
يېڭىدىن ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان باراك ئوباما بۇ يىل 20 - يانۋار رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدۇ.
ئوباما ئىلگىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن، ھەل قىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى گۇئانتانامو مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇ ھەربىي تۈرمىنى تاقايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ئوبامانىڭ مەزكۇر تۈرمىنى تاقاش پىلانىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان ئەمى ماكلىن، گۇئانتانامو تۈرمىسىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ بۇ تۈرمىدە ئوشۇقتىن - ئوشۇق يەتتە يىل ياتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە "مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەل بولسىلا، بۇ تۈرمىنىڭ تاقىلىشىغا بەلكىم نەچچە ئايلار كېتىشى مۇمكىن. ھېچ بولمىغاندا بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تاقىلىپ بولىدۇ. ئېنىقكى بىر نەچچە ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ھەل بولۇپ بولىدۇ" دېدى.
2008 - يىلى 7 - ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون رايونلۇق سوتتا گۇئانتانامودا يېتىۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر ئۇستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلغان ۋە سوتچى ئۇربىنا ئەپەندىم بۇ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى قارار قىلغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەزكۇر قارارغا قارشى چىقىپ ئامېرىكا ئەرزىيەت سوتىغا ئەرز سۇنۇپ توسۇپ قويغان ئىدى.
ئاپتور Andy Worthington ئەپەندىمنىڭ سەخسى تور بېرى:
http://www.andyworthington.co.uk