دۈشەنبە كۈنى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى ئارىسىدا بۇ ھەقتە بىر مۇزاكىرە بولغان. مۇزاكىرىدە گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن بىر قىسمى پالاۋغا بېرىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان. شۇ كۈنىكى مۇزاكىرىگە قاتناشقانلاردىن بىرى ئادۋوكات George Clarke بولۇپ، ئۇ بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا، 13 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئاز دېگەندە 4 نەپىرى، كۆپ بولغاندا ھەممىسىنىڭ پالاۋغا يەرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
George Clarke گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن داۋۇت ئابدۇرېھىم ۋە ئەنۋەر ھەسەن قاتارلىق ئىككى نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ ئادۋوكاتى بولۇپ، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنگە قەدەر، ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرگە بېرىشنى ئارزۇ قىلغانلىقىنى ۋە مۇشۇ سەۋەبتىن پالاۋغا بېرىشتا ئىككىلەنگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
يەنە ئادۋوكات George Clarke نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مەھبۇسلاردىن 4 نەپىرى پاۋلاۋغا بېرىشقا ماقۇللۇق بىلدۈرگەن؛ قالغانلىرى تېخى ئويلىشىش ئىچىدە بولۇپ، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى پالاۋغا بېرىش رەسمىيەت قەغەزلىرىگە تېخى قول قويمىغان. رەسمىيەتكە قول قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ ئەھۋال ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئۇقتۇرىلىدۇ. دۆلەت مەجىلىسىدە بىر توسالغۇ چىقمىسا، يۆتكەش ئىشى 15 كۈن ئىچىدە تاماملىنىدۇ.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۆۋەتتىكى يۈزلىنىشتىن پالاۋنى تېخى خەۋەردار قىلمىغان. پالاۋ پرېزىدېنتى Toribiongنىڭ بىر خىزمەتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پالاۋ ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىن بۇ ھەقتە ئۇقتۇرۇش كۈتمەكتە. ئامېرىكىنىڭ پالاۋدىكى ئالاھىدە خىزمەتچىسى Mark Bezner نۆۋەتتە ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پالاۋدا تۇرۇش شەرت - شارائىتلىرى ھەققىدە كونكرېت ماتېرىيال ھازىرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكىدىكى يەنە بىر ئالاقىدار ھۆكۈمەت خادىمى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى پاۋلاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىنىڭ ئاساسەن مۇقىملاشقانلىقىنى، ئەگەر ئۇشتۇمتۇت بىر ئۆزگىرىش بولمىسا، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پات ئارىدا پالاۋغا يەرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە 21 مىڭ نوپۇسلۇق پالاۋدا، 400 ئەتراپىدا مۇسۇلمان بولۇپ، بۇلار ئاساسلىقى بېنگاللىق ئىشچىلاردۇر. پالاۋ، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش تەلىپى ئەڭ كۈچلۈك ۋە قىزغىن بولۇۋاتقان دۆلەت بولۇپ، 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى قوبۇل قىلىش قارارىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، پالاۋدىن بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن گۈەنتاناموغا يېتىپ بارغان. گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن 8 نەپىرى پالاۋ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە قېتىلغان؛ بۇلاردىن پەقەت بىر نەپىرى پاۋلاۋغا بېرىشقا قىزىققانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ مەلۇماتلارنى خەۋەر قىلغان يېڭى زېللاندىيە رادىئوسى پالاۋدىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى ئارىسىدا پالاۋ پرېزىدېنتى Jhonson Toribiong نىڭمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئۆتكەن ئايدا خەلقئارا مەتبۇاتلاردا ئامېرىكىنىڭ پالاۋغا ئورۇنلىشىدىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كىشى بېشىغا 12 مىليون دوللاردىن پۇل ئاجراتقانلىقى ھەققىدە سۆز تارقالغان، بۇنىڭغا قارىتا پالاۋنىڭ ب د ت ئەلچىسى ئىزاھات بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ، پاۋلاۋغا بارىدىغان ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن 90 مىڭ دوللار پۇل ئايرىغانلىقىنى، بۇ پۇلنىڭ پەقەت بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پالاۋغا يۆتكىلىش ۋە ئورۇنلىشىش خىراجىتى ئىكەنلىكىنى، پالاۋنىڭ ئۇيغۇرلارغا ساھىپ چىقىشىنىڭ، ئامېرىكىغا دوستانىلىقنى يەتكۇزۈش، ئۇيغۇرلارغا بولسا ئىنسانىي ياردەم قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
پالاۋ تېنچ ئوكياندىكى بىر ئارال دۆلىتى بولۇپ، ئۇ ئۇ شەرقى جەنۇبىي ئاسىيادىكى فىلىپپىن دۆلىتىدىن 800 كىلومېتىر شەرقتە، يىراق شەرق دۆلىتى ياپونىيىدىن 3200 كىلومېتىر جەنۇبتا ئورۇن ئالغان. پالاۋ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ كەلگەن؛ 1994 - يىلى مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن. پاۋلاۋنىڭ ئىقتىسادى ئاساسلىقى ساياھەت، دېھقانچىلىق ۋە بېلىقچىلىققا تايىنىدۇ، رايوندىكى ئىقتىسادى گۇللەنگەن دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.
پالاۋ قانۇنى چەتئەللىكلەرنىڭ رەسمىي پالاۋ ۋەتەندىشى بولۇشىغا يول قويمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، پالاۋنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆتكۈنچى بىر جاي بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.