گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ ماقالە يازغان يازغۇچى ئەندي ۋورتىڭتون توغرىسىدا

ئەنگىلىيىلىك مۇستەقىل يازغۇچى ئەندي ۋورتىڭتون، گۈەنتانامو ھۆججەتلىرى ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى. ئۇ يەنە گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قەدەر كۆپ ماقالە ئېلان قىلىپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان يازغۇچىلارنىڭ بىرى.

0:00 / 0:00

ئەندي ۋورتىڭتون گۈەنتانامو مەھبۇسلىرى جۈملىدىن گۈەنتاناموغا قامالغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھەر خىل ماقالىلەرنى يېزىپ ئۇلارنىڭ ئەھۋالنى خەلقئارا جامائەتكە بىلدۈرۈشكە تىرىشىپ كېلىۋاتقان مۇستەقىل يازغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ 4 - نويابىر كەچقۇرۇن ئۆزى ئىلگىرى يازغان گۈەنتانامو ھۆججەتلىرى: "ئامېرىكىنىڭ قانۇنسىز تۈرمىسىگە قامالغان 774 تۇتقۇننىڭ ھېكايىسى" ناملىق كىتابى ھەققىدە سۆزلەش ھەمدە يېقىندا ئەنگىلىيىلىك كىنو رېژىسسورى پوللي نەش بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپ چىققان "قانۇننىڭ سىرتىدا: گۈەنتانامو ھېكايىلىرى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى.

ئەندي ۋورتىڭتوننىڭ گۈەنتانامو ھەققىدە يازغان تۇنجى كىتابى: "گۈەنتانامو ھۆججەتلىرى: ئامېرىكىنىڭ قانۇنسىز تۈرمىسىگە قامالغان 774 تۇتقۇننىڭ ھېكايىسى" 2007 - يىلى ئۆكتەبىردە پولتۇ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

ئۇنىڭ مەزكۇر كىتابىدا گۈەنتاناموغا قامالغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ بىر قىسىم مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇ كىتابىدا، گۈەنتاناموغا قامالغان ھەر بىر مەھبۇس ھەققىدە ئايرىم ‏ - ئايرىم دېگۈدەك توختالغان بولۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر تۈرمىگە قامالغان 22 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسلار ھەققىدىمۇ شۇ شەكلىدە مەلۇمات بەرگەن.

ئەندي ۋورتىڭتون 4 - نويابىر كەچقۇرۇن نيۇيوركقا جايلاشقان ئىنقىلاب كىتابخانىسىدا "گۈەنتانامو ھۆججەتلىرى" ناملىق كىتابى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەيدۇ.

ئۇ يەنە، پەيشەنبە كۈنى نيۇيورك شەھىرىدىكى نيۇيورك قانۇن ئىنستىتۇتى قانۇن مەركىزىدە " قانۇننىڭ سىرتىدا: گۈەنتانامو ھېكايىلىرى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرسىتىدۇ ۋە فىلىم ھەققىدىكى مۇنازىرىگە قاتنىشىدۇ.

ئەندي ۋورتىڭتون 8 - ۋە 9 - نويابىر ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە فەيرفەكس رايونلىرىدىكى بىر قىسىم ئورۇنلاردا ھۆججەتلىك فىلىمىنى كۆرسىتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

2006 - يىلى 5 نەپەر ئۇيغۇر ئالبانىيىگە قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئەندي ۋورتىڭتون ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئايرىم ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى.

ئۇنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەندي ۋورتىڭتون شۇندىن كېيىن گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ياكى شۇلارغا ئائىت ئېلان قىلغان ماقالە ۋە مۇلاھىزىلەر 62 پارچىغا يېتىدۇ.

بۇلارنىڭ ئىچىدە " گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك" ، " دۇنيا خىتاي ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى كۆرمەسكە سالدىمۇ" ، " ئوباماغا يېڭى يىللىق مەكتۇپ: گۈەنتانامو ئۇيغۇرلىرىغا ھۆرلۈك بېرىلسۇن" ، " گۈەنتانامو ھۆججەتلىرى: توردىكى تولۇقلىما باب: پاكىستانغا قېچىش" ۋە " ئابابەكرى قاسىمنىڭ پرېزىدېنت ئوباماغا يوللىغان مەكتۇپى" قاتارلىقلار بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك.

ئاپتور يەنە، گۈەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ سوت قىلىنىش ئەھۋالى ۋە بۇ جەھەتتىكى ئوز كۆز قاراشلىرىنى ئوبزور شەكلىدىمۇ ئېلان قىلىپ كەلدى.

ئاپتور ئەندي ۋورتىڭتون بۈگۈن يەنى 4 - نويابىر "پالاۋغا قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلار كىملەر" دېگەن تېمىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ بۇ ماقالىسىدە بۇلار ھەققىدە ھازىرغىچە كۆپ ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بەزى يېڭى ئۇچۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىز بۇ ھەقتە ئاپتورنىڭ كۆز قاراشلىرى ۋە ھازىر پالاۋدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۆزىنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىمىز.