گۇئانتانامو مەھبۇسلىرىنىڭ يېڭى تۇرالغۇسى

ئوباما ھۆكۈمىتى گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقاش ھەققىدە پەرمان چىقارغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن، ئاخبارات باش مۇپەتتىشى، گۇئانتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئامېرىكىغا قويۇۋېتىلىش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە تەخمىنلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، گۇئانتانامو مەھبۇسلىرىنىڭ ئىككىنچى تۇرالغۇسى ۋە ياكى قاماقخانىسىنىڭ قەيەردە بولىدىغانلىقى ئاخبارات دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

0:00 / 0:00

كۆزىتىشلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى ئەڭ مۇستەھكەم تۈرمىلەردىن بىرى ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدا. ئەلقائىدا تەشكىلاتلىرىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن بىرى بولغان، زاكارىيا موئوساۋىي ئالېكساندىرىيا تۈرمىسىدە بىر مەزگىل قامالغاندىن كېيىن، كولورودا شتاتىدىكى تۈرمىگە يۆتكەلگەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكىغا قويۇۋېتىلىش ئېھتىماللىقى بار دەپ قارىلىۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ يۇرتداشلىرى ئاساسەن ۋىرگىنىيە شتاتىغا مەركەزلەشكەن. شۇڭا تۈنۈگۈن ئامېرىكىدىكى " Fox News" تېلېۋىزىيىسى، ئالېكساندىرىيا ساقچى باشلىقىدىن بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلىگەن ۋە گۇئانتانامودىكى مەھبۇسلارنىڭ ئالېكساندىرىيا تۈرمىسىگە يۆتكىلىش مۇمكىنچىلىكى بار - يوقلۇقىنى سورىغان. ساقچى باشلىغى دانا لاۋھورنە بۇ سوئالغا ئېنىق ھالدا مۇمكىنچىلىكى بار دەپ كۆرسەتكەن. چۈنكى، ئۇنىڭ قارىشىچە، ئالېخساندىرىيا تۈرمىسى ئامېرىكا بويىچە مۇستەھكەم تۈرمىلەردىن بىرى، يەنە بىرگە بۇ تۈرمىدە ئامېرىكا ئۈچۈن خەتەرلىك جىنايەتچىلەردىن زەكەرىيە موسساۋىي بىر مەزگىل قامالغان.

ساقچى باشلىغى دانا سۆزىدە، ئەينى چاغدا زەكەرىيەنى قامىغاندا ئوقۇش - يېزىش ۋە ئاڭلاشتىن ئىبارەت بارلىق ئۇچۇر يوللىرىدىن ۋە تۈرمىداشلىرىدىن ئايرىۋەتكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبتىن زەكەرىياغا تۈرمىدە ناھايتى پىنھان ۋە كەڭرى بىر جاي ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گۇئانتانامو مەھبۇسلىرىنىڭ ئالېكساندېرىيىگە يۆتكىلىش مۇمكىنچىلىكىنى ھەممىدىن ئاۋۋال ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى تەخمىن قىلىشقان. مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىدىكى فرانك ۋولف قاتارلىق ۋىرگىنىيە شتاتىغا مەنسۇپ، 3 نەپەر پالاتا ئەزاسى، ئوباما ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، گۇئانتانامو مەھبۇسلىرىنى ئامېرىكىغا قويۇۋېتىش ياكى سوراش ئېھتىماللىقى تۇغۇلسا، بۇ جەرياننىڭ ئامېرىكىدا ئېلىپ بارماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇلار مەكتۇبىدا، ۋىرگىنىيىدىكى مەيلى ھەربىي بازا مەيلى ئادەتتىكى تۈرمە بولسۇن، پىنھان جايدا ئەمەسلىكىنى، خىزمەت بىناسى، كاتتا مېھمانخانا، ۋە ئائىلىلىكلەر بىناسى قاتارلىق، ئولتۇراق مەركەزلىرىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. فرانك ۋولف بۇ تەلىپىگە ھازىرغا قەدەر ھۆكۈمەتتىن ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشمىگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوفنىڭ قارىشىچە، ئالېكساندىرىيە ساقچى باشلىقىنىڭ ئېيتقانلىرى، گۇئانتانامو مەھبۇسلىرىنىڭ ئامېرىكا تۇپرىغىدا سوتلىنىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكىدىن بىشارەت. بۇ، گۇئانتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئامېرىكىغا قويۇۋېتىلىشىنىڭمۇ مۇمكىنسىز ئەمەسلىكىنىڭ بىر ئىشارىتى.

ئالىم سېيىتوف ئەپەندى يەنە، ئەگەر گۇئانتانامو مەھبۇسلىرى ۋىرگىنىيە شتاتىغا يۆتكەپ كېلىنسە، ئۇيغۇر مەھبۇسلار مەيلى قويۇۋېتىلسۇن، مەيلى تۈرمىگە قامالسۇن، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ۋەتەنداشلىرى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشىنىڭ ئاسانلىشىدىغانلىقى ۋە قويۇقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەلەر، يۇقىرىدا بىز سىلەرگە گۇئانتانامودىكى مەھبۇسلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىدىكى ئالېكسېندېرىيا شەھىرىدىكى تۈرمىگە يۆتكەپ سوتلىنىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردۇق.