مەلۇم بولۇشىچە، بۇش ھۆكۈمىتى يەنە، گۈەنتانامو مەسىلىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېررورچىلار دەپ گۇمان قىلغان ھەمدە ئامېرىكا ئاۋام خەلق سوتىدا سوراق قىلىشنى خالىمايدىغان بىرى قىسىم جىنايەتچىلەرنىڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن تەپسىلىي ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەلەپ قىلىنغان.
ماقالىدە بۇ ئىشتىن خەۋەردار ئەربابلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ھازىر بۇش ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر پىلان بولسا، گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلاردىن 80 نەپىرىنى يەنىلا مەزكۇر تۈرمىدە داۋاملىق قالدۇرۇپ ھەربىي سوتتا سوتلىنىشقا تاپشۇرۇش، يەنە 64 نەپىرىنى ئۆزلىرى تەۋە دۆلەتكە قايتۇرۇش مەسىلىسى ئىكەن.
ماقالىدە ئاشكارىلىنىشىچە،، ھازىر گۈەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەڭ خەتەرلىك دەپ قارالغان، ئەمما ئۇلارغا جازا ئارتىشقا يېتەرلىك ئىسپات ماتېرىيال ھازىر بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەربىي سوتقا تاپشۇرۇپ بېرەلمەيۋاتقان 120 نەپەر مەھبۇس بار بولۇپ، مانا بۇ ، نۆۋەتتە ئەڭ قاتتىق تالاش - تارتىش قىلىنىۋاتقان مۇھىم بىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
ئامېرىكا ئالىي سوتى ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلغان، گۈەنتانامودىكى بەزى مەھبۇسلارغا ئامېرىكا ئاۋام خەلق سوتىغا ئەرز سۇنۇش ھوقۇقى بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى قارارى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى سەل جىددىيلەشتۈرۈپ قويغان بولۇپ، ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ئىككى كۈن داۋامىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىر يەرگە باش قوشۇپ ھەتتا ئىچكى كابىنېت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، سوتنىڭ بۇ قارارىغا نىسبەتەن بىر جاۋاب ھازىرلاشقا تۇتۇنغان.
پرېزىدېنت بۇش ئىلگىرى، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ كەلگۈسى ئىككى يىل ئىچىدە گۈەنتانامو ھەربى تۈرمىسىنى تاقىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ماقالىدە بۇشنىڭ ئا ب س تېلېۋىزىيىسىدە بەرگەن زىيارىتىدە ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، بۇش ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ھازىرچە تېخى بۇنداق بىر قارارنىڭ ئېلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
ئالىي سوتنىڭ قارارىغا قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا ئىنكاس قايتۇرغان پرېزىدېنت بۇش مۇنداق دېگەن: " بىز ھازىرچە بۇ قارارنى ( ئالىي سوتنىڭ قارارىنى) ئانالىز قىلىپ كېيىنكى قەدەمنى قانداق ئېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز. ئەمما ھازىرچە گۈەنتانامو ھەققىدە بىرەر قارار ئېلىنمىدى". ئۇ يەنە ، ئەمما قانداقلا بولمىسۇن، بۇ ئىشنى قانۇن بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىشتا مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى شۇڭا قانۇننىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە " بىز بۇ ئىشنى ئامالنىڭ بېرىچە تىز پۈتتۈرۈپ چىقىمىز" دەپ قوشۇمچە قىلغان.
ھازىر گۈەنتانامو تۈرمىسىدە 2001 - يىلى 11 - سېنتەبىردىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن گۇمان قىلىنغان 265 ئەتراپىدا تۇتقۇن قامالغان بولۇپ، ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، بۇ تۈرمىدىكى بەزى مەھبۇسلارنى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ۋە باشقا جايلاردىكى قىسقا مۇددەتلىك ھەربىي تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا يۆتكەش ئېھتىمالى بار ئىكەن.
ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامو ھەربىي تۈرمىسى ھەققىدە، جىنايەتچىلەرنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇشقا ئوخشاش بەزى سەتچىلىكلەر مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن ، 2006 - يىلى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتسمۇ بۇ تۈرمىنى تاقاش تەرەپدارىغا ئۆتكەن ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن بۇ ھەقتە بىر تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت مەجلىسى مەزكۇر مەسىلىلەر ھەققىدە بىرەر ھەل قىلىش چارىسى بېكىتمىگەن.
بۇ ھەقتە توختالغان ، ئەمما ئۆز نامىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، روبېرت گېيتسنىڭ بۇ تۈرمىنى تاقاشتىكى پىكرى ئىنتايىن ئوچۇق بولسىمۇ ، لېكىن ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۇچ كېلىۋاتقىنى، ئاشۇ تېررورچىلارنىڭ يەنە بىگۇناھ ئادەملەرگە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ئىشلىرىنى قانۇنى ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامودىكى ھەربىي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلار ئىچىدە 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇس بار بولۇپ، ئۆتكەن ئايدا مەزكۇر مەھبۇسلارنىڭ بىرى پەرھات ھوزەيفەنىڭ ئەرزى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەرزىيەت سوتىدا قاراپ چىقىلغان ھەمدە ئۇنىڭ گۇناھسىز ھالدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەرزىيەت سوتى ئۇنى قويۇپ بېرىشنى بېكىتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇش ھۆكۈمىتى ۋە ھەربىي دائىرىلەر بۇ قارارغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ، جۈملىدىن پەرھات ھۇزەيفەنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان بىرەر دۆلەت چىقمىغانلىقى سەۋەبلىك پەرھات يەنىلا بۇ تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.