ئاخىرقى قېتىم شىۋىتسارىيە دۆلىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بەختىيار مەخمۇد ۋە ئەركىن مەخمۇد ئاكا - ئۇكىلار، 22 - مارت دۈشەنبە كۈنى ئەتتىگەن سائەت 7 دە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، گىرۇزىيىدە بىر قانچە سائەت توختىغان بولۇپ، سەۋەبى ئۇلار بىلەن بىرگە گۈەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇقلانغان 3 نەپەر ئەرەب گىرۇزىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
بەختىيار بىلەن ئەركىن سەيشەنبە ئەتتىگەن شىۋىتسارىيە ۋاقتى سائەت 10 يېرىمدا شىۋىتسارىيىنىڭ زۇرىخ ئايروپىلان ئىستانسىسىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، شىۋىتسارىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن 20 گە يېقىن كىشى تەرىپىدىن كۈتۈۋىلىنغان. بەختىيار ۋە ئەركىن شىۋىتسارىيىدىن، گۈەنتانامونىڭ ئىگۇانا لاگىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان روشەن ئابباس خانىم بىلەن تېلېفۇندا كۆرۈشۈپ، شىۋىتسارىيە زېمىنىغا قەدەم باسقاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ خوشاللىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى روشەن ئابباس خانىم، گۈەنتانامودىن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەركىن بىلەن بەختىيار ھەققىدە توختالدى.
ھازىر گۈەنتانامودا يەنە 5 نەپەر ئۇيغۇر بار بولۇپ، روشەن ئابباس خانىم، ئۇلارنىڭ ئەركىن بىلەن بەختىيارنىڭ ئەركىنلىككە چىقىپ شىۋىتسارىيىگە ئورۇنلاشقانلىقىدىن سۈيۈنگەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭمۇ خوشال كۈنلەرگە چوقۇم ئېرىشىدىغانلىقىنى ئىشەنچ بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئالىي سوتى،گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدە 23 - مارت كۈنى ئاڭلىنىدىغان دەۋاسىنى، ئوتتۇرا سوت يەنى ئەرزىيەت سوتىغا چۈشۈرۈپ بەرگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ سەيبېىن باشلىق ئادۋوكاتلىرى بولسا ئوتتۇرا سوتنىڭ مەزكۈر داۋانى ۋاشىنگتون رايونلۇق تۆۋەن سوتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولۇپ، چۈنكى تۆۋەنكى سوتتا سوتچى ئوربىنا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە قارار چىقارغان.
روشەن خانىم ئاخىرىدا يەنە، شىۋىتسارىيىدىكى ئەركىن مەخمۇت ۋە بەختىيار مەخمۇتلار بىلەن 24 - مارت كۈنى تېلېفۇندا كۆرۆشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئاكا - ئۇكا ئىككەيلەننىڭ خوشال - خورام ھالدا ئۆزلىرى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بۇيۇملارنى سېتىۋىلىش ئۈچۈن، جۇرا رايونىدىكى سودا بازىرىدا ئايلىنىپ يۈرگەنلىكى، رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق شىۋىتسارىيە ھۆكۈمىتىگە، ئۆز خەلقىگە ۋە ئۇلارنى بۈگۈنكى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرگەن ئادۋوكاتى ئېلىزابېت گېلسىن خانىمغا ئالاھىدە سالام يوللىشىنى ھاۋالە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.