بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنكى بىر خەۋىرىدە ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلار بىلەن ئامېرىكا سوتچىلىرىنىڭ ئۆز - ئارا يېزىشقان خەت - چەكلىرىدە بۇ مەسىلە تالاش - تارتىش قىلىنغانلىقىنى،گۈەنتانامودىكى داۋاگەرلەرنىڭ ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىدىغان سوتچىلارنىڭ ھوقۇقى دائىرىسى قايسى ساھەلەردە چەكلىنىدۇ، دېگەن مەسىلىدە سوتچىلار بىلەن بۇش ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ پىكىر ئىختىلاپىنى ئېلان قىلدى.
مەزكۇر تېمىنىڭ دىققەتكە سازاۋەر تەرىپى بۇ تالاش- تارتىشنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنى خۇزەيفا پەرھاتنىڭ دىلوسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدۇر.
بۇش ھۆكۈمىتى فېدېراتسىيە ئەرزىيەت مەھكىمىلىرىنىڭ ھوقۇقىغا چەكلىمە قويماقچى
گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ بىرى بولغان خۇزەيفا پەرھات، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون رايونىدىكى بىر فېدېراتسىيە ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز سۇنۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆزىنى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەرزىيەت مەھكىمىسى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى پەرھاتنىڭ ئەرزىنى كۆرۈپ چىققان، لېكىن سوتنىڭ دىلوغا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمى ھازىرغا قەدەر چىقىرىلمىغان ئىدى. ئادۋوكاتلار پەرھاتنىڭ ئەرزىنى ئالاقىدار قانۇنلىرىدىكى گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلار ئەرزىنى پەقەت فېدېراتسىيە ئەرزىيەت سوت مەھكىمىلىرىگە سۇنالايدۇ، دېگەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ۋاشىنگتون رايونىدىكى مەزكۇر فېدېراتسىيە ئەرزىيەت مەھكىمىسىگە سۇنغان ئىدى.
بۇش ھۆكۈمىتى 2007 - يىلى 12 - ئايدا ئامېرىكا ئالى سوت مەھكىمىسىگە گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلار ئەگەر ئۆزىنىڭ ئادالەتسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ ئەرز قىلسا، ئۇلارنىڭ ئەرزىنى فېدېراتسىيە ئەرزىيەت مەھكىمىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي كۆرۈپ چىقالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنكى بىر خەۋىرىدە ، فېدېراتسىيە ئەرزىيەت مەھكىمىلىرىنىڭ گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك دىلولارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ھوقۇقى دائىرىسىدە مۈجىمەللىك بارلىقىنى، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە بىر - بىرىگە زىت پىكىرلەردە بولغانلىقىنى ۋە بۇش ھۆكۈمىتى فېدېراتسىيە ئەرزىيەت مەھكىمىلىرىنىڭ گۈەنتاناموغا مۇناسىۋەتلىك دىلولارنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى دائىرىسىگە چەكلىمە قويماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇش ھۆكۈمىتى گۈەنتانامو مەھبۇسلىرى مەسىلىسىدە زىددىيەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ
خەۋەرگە قارىغاندا ، بۇ ھەقتىكى تالاش - تارتىش خۇزەيفا پەرھاتنىڭ دېلوسىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. خەۋەردە فېدېراتسىيە ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسى 1 - دېلونى تىكلىگەندە ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى سوتچىلارغا پاكىتنى سۈرۈشتۈرەلەيدىغانلىقىنى، لېكىن سوت دىلوغا گۈەنتانامو ھەربىي سوت كوللىگىيىسىنىڭ ھۆكۈمى توغرا، دېگەن نۇقتىنەزەردە مۇئامىلە قىلىش كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا كرىشتاين ۋە يۇڭ قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ياردەمچى ئادۋوكاتى نۇرى تۈركەلنىڭ بۇ تالاش - تارتىش توغرىسىدا پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بۇ ھەقتىكى تالاش - تارتىش يېقىندا فېدېراتسىيە ئەرزىيەت سوتچىسى مەررىك گارلاند بىلەن ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئادۋوكاتى گرېگورىي كاتزاس ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن مۇنازىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. خەۋەردە سوتچى مەررىك گارلاند گرېگورېي كاتزاسدىن ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىدىكى بىر - بىرىگە زىت مەيدانىغا ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، گرېيگورىي كاتزاس بولسا ھۆكۈمەتنىڭ مەيدانىدا زىتلىق بارلىقىنى رەت قىلغانلىقىنى يازدى.
بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە زىددىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھۆكۈمەت سوتچىلارنىڭ گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلار دېلوسىغا ئارىلىشىشىنى خالىمىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا سوتچىلىرىنىڭ بۇ دىلوغا ئارىلىشىش ھوقۇقىنى توسالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
پەرھاتنىڭ ئادۋوكاتى : ئۇ تۈرمىدە ياتماسلىقى كېرەك
ئامېرىكا ئاساسى قانۇنىدا تۇتقۇنلارنىڭ قولغا ئېلىنىش سەۋەبىنى بىلىش، ئۆزىنى ئادالەتسىز تۇتقۇن قىلىندىم، دەپ ھېسابلىسا، سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش ھوقۇقى بار بولۇپ، بۇ ئانگىلو - ساكسۇن قانۇن سېستىمىسىغا 14 - ئەسىردە كىرگەن بىر ئۇقۇمدۇر. نۆۋەتتىكى بەلگىلىمىدە گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلار ئەرزىنى پەقەت ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون -كولۇمبىيە ئالاھىدە رايونىدىكى فېدېراتسىيە ئەرزىيەت سوت مەھكىمىلىرىگە سۇنالايدۇ. ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى ئالدىمىزدىكى 6 - ئايدا بۇ بەلگىلىمىنىڭ "خېبىس كورپۇس" قانۇنىغا خىلاپ ياكى ئەمەسلىكى ئۈستىدە سوت ئېچىشى مۇمكىن.
خۇزەيفا پەرھاتنىڭ ئەرزى مانا مۇشۇ مەزگىلدە ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇلدى. خەۋەردە پەرھاتنىڭ ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇش قىلمىغانلىقىنى، بۇش ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش نىيىتى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت تاپالمىغانلىقىنى، لېكىن پەرھاتنىڭ 6 يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بىلەن بولغان ئالاقىسى تۈپەيلى گۈەنتانامودىكى لاگىردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. پەرھاتنىڭ ئادۋوكاتى سەيبىن ۋىللېت، پەرھاتنىڭ ۋاشىنگتون فېدېراتسىيە ئەرزىيەت مەھكىمىسىدىكى سوتىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەل-قائىدە ياكى تالىبانلار بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى رەت قىلىدۇ.
پەرھاتنىڭ سوتىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئادۋوكاتى سوتچىلارنىڭ ئۆتكۈر سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن . بولۇپمۇ ، پەرھاتنى نېمە ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا پەرھاتنىڭ ش ت ئى ھەرىكىتىگە ئەزا ئىكەنلىكى، ش ت ئى ھەرىكىتىنىڭ ئەل-قائىدە بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت بار - يوقلۇقى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن ئىدى.
كرىشتايىن ۋە يۇڭ قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىدىكى نۇرى تۈركەل، ئەرزىيەت مەھكىمىسىنىڭ پەرھات ھەققىدىكى ھۆكۈمى ئالىي سوتنىڭ 6 - ئايدىكى قارارىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئادۋوكاتى پائۇل كلىمېنت 2007 - يىلى 12 - ئايدا سوتچى جون ستېۋېنسكە بەرگەن بىر جاۋابىدا ، قانۇننىڭ سوتچىلارغا تۇتقۇنلارنىڭ ئەرزىنى پۈتۈنلەي كۆرۈپ چىقىش ھوقۇقى تونۇيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە پەرھاتنىڭ ئەھۋالى ئۇنىڭ مۇددەتسىز تۈرمىدە يېتىشىغا يېتەرلىك ئاساس بولالامدۇ، دەپ سورايدۇ ۋە پەرھاتنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ پائۇل كلىمېنتنىڭ 2007 - يىلى 12 - ئايدا تەكىتلىگەن شەرتلەرگە ئاساسلانغاندا ئۇ تۈرمىدە ياتماسلىقى كېرەك، دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى يازىدۇ.