يىغىندا، ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىدىن بەختىيارنىڭ ئادۋوكاتى Elizabeth P. Gilson خانىم سۆز قىلدى.
"ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلسىمۇ بۆلگۈنچىلىك دەپ ئەيىبلىنىۋاتىدۇ"
گىلسون خانىم سۆزىدە بەختىيار قاتارلىق ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھۋالى، چەتئەلگە چىقىش سەۋەبى، قولغا ئېلىنىش جەريانى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ئۈستىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. گىلسون خانىم گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ ۋەتىنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " ئۇلارنىڭ ۋەتىنى شەرقى تۈركىستان، 1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان، ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ يەردىكى خەلق تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمان خەلق " . گىلسون خانىم يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: " خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن بۇرۇنمۇ باستۇرۇش ئېلىپ بارغان، باستۇرۇشلىرىنى ھېلىمۇ داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. خىتاي كۆچمەنلىرىنى پىلانلىق ھالدا يۆتكەپ، رايوندىكى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زۇلۇم سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇق دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەتتا ئۆز مىللىي ئىرادىسىنى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇشىمۇ بۆلگۈنچىلىكنى تەشۋىق قىلىش دەپ ئەيىبلىنىۋاتىدۇ ."
" ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن باغلىنىشى يوق "
گىلسون خانىم سۆزىدە يەنە، بەختىيار قاتارلىق ئۇيغۇر مەھبۇسلار چېتىشلىق دەپ قارالغان، شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ تېررورچى بىر تەشكىلات ئەمەسلىكىنى، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىدا، خىتاينىڭ ب د ت دىكى قوللاش ئاۋازىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە بۇ تەشكىلاتنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتىگە ۋە ياكى ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن باغلىنىشى بارلىقىغا تۇتاملىق پاكىت يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىنغا ئاۋام پالاتا تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن Bill Delahunt ۋە Dana Rohrabacher ئەپەندىلەر رىياسەتچىلىك قىلدى، ئۇلار سۆز ئارىسىدا، گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ پەقەت 5% نىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى، قالغان 95% نىڭ يەرلىك ئاھالىلەر تەرىپىدىن مۇكاپات ئېلىش ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مەھبۇسلار ئارىسىدا ھەقسىز تۇتۇلغانلار بولۇش ئېھتىماللىقلىرىنى بايان قىلدى.
گىلسون خانىم سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر مەھبۇسلار قولغا ئېلىنغان چاغدا، شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ تېخى تېررورچىلار تىزىملىكىدە يوقلۇقىنى، ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىن ئەمەس، پاناھلىنىۋاتقان جايدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. گىلسون خانىم يەنە، ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن باغلىنىشى يوقلۇقىنى، مەھبۇسلارنىڭ سوراق خاتىرىسىدىن مىساللار ئېلىپ چۈشەندۈردى. گىلسون خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەختىيارلا ئەمەس، بارلىق ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسى ئەلقائىدە ۋە تالىبان بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىنكار قىلغان. بەختىيار سوراق جەريانىدا، بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن " ئەلقائىدە دېگەن نامنى بىز گۇئانتانامودا ئاڭلىدۇق. بىزنىڭ ھازىرقى چۈشىنىشىمىزچە، ئەلقائىدە ئەرەبلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان تەشكىلات، ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلەتلىرى بار، ئۇلار مۇستەقىل ياشاۋاتىدۇ. بىزنىڭ بولسا دۆلىتىمىز يوق، ئاسارەت ئاستىدا ياشاۋاتىمىز." گىلسون خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مەھبۇسلار ئۆزلىرىنىڭ ئەلقائىدە بىلەن ئالاقىسى بولۇشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن " ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ قانداق غايىسى بارلىقىنى بىز بىلمەيمىز. بىلىدىغىنىمىز، بۈگۈن پۈتۈن دۇنيا ئەلقائىدەگە قارشى تۇرۇۋاتىدۇ، بىز ئۈچۈن ئەلقائىدە بىلەن بىرلەشمەك دېمەك، دۇنيانىڭ ھىمايىسىنى يوقىتىپ قويۇش دېمەكتۇر، بۇ دېمەك، ئۆزىمىزنىڭ غايىسىدىن ئېزىش دېمەكتۇر ."
" ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى يەرلەشتۈرۈشتە باشلامچى بولۇشى كېرەك"
گىلسون خانىم يەنە ، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ گۇئانتاناموغا كېلىشى بىلەن ئالاھىدە بىر ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، يەنى سوتتا گۇناھسىز بولۇپ چىقسا، خىتايغا قايتۇرۇلۇپ ئۆلۈم ياكى قىيىن-قىستاققا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى، گۇناھكار بولۇپ چىقسا، ئامېرىكىدا جازالىنىپ تۈرمىدە ياتىدىغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر مەھبۇسلار، خەتەرلىكلەر ئارىسىدىكى خەتەرلىكلەر ئەمەس، بەلكى تەلەيسىزلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
گىلسون خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاينىڭ تەلەپلىرىگە قارىماي، ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى خىتايغا قايتۇرمىغانلىقىنى ئالقىشلاش بىلەن بىللە، بۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى ھازىرغىچە تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇشىنى ئەيىبلىدى ۋە ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىنى تاقىشى كېرەكلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يەرلەشتۈرۈشتە باشلامچى بولۇشى كېرەكلىكىنى، شۇ چاغدىلا بۇلارغا ئىگە چىقىدىغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گۇۋاھلىق يىغىندا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى ، گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ پىكىرلەرنى پالاتا ئەزالىرىغا يەتكۈزۈپ، گۇئانتانامو مەسىلسىدە، ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەم خەلقئارادىكى ئىناۋىتىگە پايدىلىق توغرا قارار ئېلىشقا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.