مىيازاكى: گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستانلىق ئىشسىز ياشلاردۇر
2012.10.23

مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى ياپونىيىلىك ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە ئوبزورچى مىيازاكى ماساھىرو ئەينى يىللاردا بەش نەپەر ئۇيغۇر گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ،ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا ئامېرىكا ۋە ئالبانىيە ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىشكە قىستىغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ۋە ئالبانىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادىكى ھېچقانداق تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا تەۋە ئەمەسلىكىنى، پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدا ئازاب-ئوقۇبەتكە ئۇچراپ، چەتئەللەرگە قېچىپ چىققان شەرقىي تۈركىستانلىق ئىشسىز ياشلار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىنىپ ئافغانىستانغا بېرىپ قالغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئاپتور ماقالىسىدە، گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا قوشۇنلىرى ئافغانىستانغا ھەربىي ھۇجۇم باشلىغاندا، ئافغانىستاندىن پاكىستانغا قېچىپ كەلگەنلىكىنى ۋە پاكىستاندا قولغا ئېلىنىپ، گۇەنتانامو تۈرمىسىگە يولغا سېلىنغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ رادىكال مۇسۇلمانلاردىن ئەمەس، بەلكى نورمال دىندىكىلەردىن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان. ماقالىدە يەنە،ئالبانىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى، يۇگوسلاۋىيە پارچىلىنىپ 6 دۆلەتكە بۆلۈنگەندىن كېيىن، ئالبانىيە ئەركىن دۆلەتكە ئايلىنىپ ئامېرىكىغا يېقىنلىشىپ، خىتايدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى بايان قىلغان.
ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالبانىيىگە ئورۇنلىشىشى تولىمۇ تەسكە توختىغانلىقىنى، ئامېرىكا بۇ بەش نەپەر ئۇيغۇرنى بىرەر دۆلەتكە ماكانلاشتۇرۇش ئۈچۈن يۈزدىن كۆپرەك دۆلەت بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇ بەش نەپەر ئۇيغۇرنى ئالبانىيە ھۆكۈمىتى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ھازىر ئۇلارنىڭ ئالبانىيىدىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ مەركىزىدە تۇرىدىغانلىقىنى، ھېچقانداق بىرەر ئىش بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلىقىنى، ئۇلارغا كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېيىغا 30 دوللار پۇل بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە «ئۇلار پات-پات ۋەتەندىكى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىدۇ. ئۇلار پەقەتلا قۇرئان ئوقۇش بىلەنلا شۇغۇللىنىدۇ. باشقا ھېچقانداق ئىشى يوق، كۆپىنچە ۋاقىتلىرىنى زېرىكىشلىك ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئالغان 30 دولار ياردەم پۇلىمۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئارانلا يېتىدۇ» دەپ بايان قىلغان.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ چوڭقۇر مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھازىر ئالبانىيىدە ياشاۋاتقان قېرىندىشىمىز ئابابەكرى ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.