گوگۇل خىتايدىن چىقىپ كەتمەكچى، خىتاي ئوسال ئەھۋالدا

گوگۇل ئىنتېرنېت شىركىتى ئالدىنقى كۈنى خىتايدىن چېكىنىش پىلانىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر پىلان پەيدا قىلىدىغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەخلاقىي تەسىرلەر خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ مۇھىم تېمىسىغا ئايلاندى.

0:00 / 0:00

تۈنۈگۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئىككى نەپەر دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى گوگۇلنىڭ باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرغان بولسا، بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋە ئۇچۇر - تېخنىكا مىنىستىرى مەزكۇر تېمىدا پوزىتسىيە بىلدۈردى.

گوگۇل ئىنتېرنېت شىركىتى ئالدىنقى كۈنى خىتايدىن چېكىنىش باياناتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۈگۈن خىتاي دۆلەت كابىنتىدىكى ئۇچۇر ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرى Wang Chen خىتاينىڭ ئىنتېرنېت تۈزۈمى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئىنتېرنېت مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا ياردەم بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي تاشقى باياناتچىسى بۈگۈن گوگۇلنىڭ باياناتى ھەققىدىكى سوئاللارغا ئەپقاچتى جاۋاب بەرگەن. يەنى گوگۇلنىڭ شەرتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنىڭ ئورنىغا، خىتاينىڭ چەتئەل ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تەرەپنىڭ بۇ تۈر جاۋابلىرى گوگۇلنىڭ خىتايدىن چېكىنىش قارارىغا خىتاينىڭ ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ھەم خىتاينىڭ گوگۇل بىلەن مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە. خىتاي باياناتچى بۈگۈنكى سۆزىدە، خىتايدا ئىنتېرنېتنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى، قانۇن بويىچە باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سوئاللارغا جاۋابەن، Youtube نىڭ نېمە ئۈچۈن تاقالغانلىقىدىن ئۆزىنىڭ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇچۇر - تېخنىكا مىنىستىرى ۋاڭ چېن، "شەھۋانىي فىلىملەر، خاككېر ھۇجۇملىرى، ئالدامچىلىق ۋە ئۆسەك سۆز تارقىتىش، جۇڭگو جەمئىيىتىدە قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرۇۋاتىدۇ" دەپ شىكايەت قىلغان ھەم "ئىنتېرنېتتە جامائەت پىكرىنى يېتەكلەشتە، ئىنتېرنېت باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ تەڭ مەسئۇلىيىتى بار" دەپ كۆرسەتكەن. مىنىستىرنىڭ بۇ سۆزلىرى، خىتاينىڭ گوگۇلنىڭ شەرتىنى ئويلىشىدىغانلىقى، ئەمما ئۇنىڭغا كۆنمەيدىغانلىقىدىن بىشارەت دەپ قارالماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتنىڭ پەقەت سودا ۋە ئىلىم - تېخنىكا ئىشلىرىدىلا قوللىنىلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا؛ ئىنتېرنېتنىڭ سىياسەتكە ۋاستە بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. شۇڭا ھازىرغا قەدەر تۈرلۈك تەدبىرلەر بىلەن ئىنتېرنېت قوللىنىشنى نازارەت قىلماقتا. ئەڭ يېقىنقى چارىلىرىدىن بىرى بولغان يېشىل توسما، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان؛ بۇ سەۋەبتىن ھۆكۈمەت مەزكۇر تەدبىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ۋاز كەچكەن ئىدى. بۇ قېتىم گوگۇلنىڭ خىتايدىن چېكىنىش قارارىمۇ گوگۇلنىڭ خىتايدىكى خېرىدارلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. گوگۇلنىڭ خىتاي مۇشتىرىلىرىنىڭ سانى 80 مىليون بولۇپ، مۇشتىرىلار، گوگۇلنىڭ خىتايدىكى ئىشخانىلىرىنى زىيارەت قىلىپ ۋەقەدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە گوگۇلنى خىتايدا تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرغان. بەزى مۇشتىرىلار شەخسىي بلوگلىرىدا ھۆكۈمەتنى گوگۇلنىڭ شەرتىگە كۆنۈشكە چاقىرغان.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، گوگۇلنىڭ خىتايدىن چېكىنىشى، خىتايدىكى بايدۇ ئىنتېرنېت شىركىتىنى كۈچلەندۈرۈشى ھەتتا ئۇنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشى مۇمكىن. يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، گوگۇلنىڭ چېكىنىشى، خىتاي مۇشتىرىلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى ئاشۇرۇش بىلەن، خىتايدىكى چەتئەل شىركەتلىرىدە بىخەتەرلىك ئەندىشىسى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. تۈنۈگۈن ئامېرىكىنىڭ سودا ئىشلىرى مەسئۇلى Gary Locke سۆز قىلىپ، خىتاينى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى سودا مۇھىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا چاقىرغان.

نۆۋەتتە گوگۇلنىڭ چېكىنىش پىلانى ئامېرىكا ‏ - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ باش كۆتۈرمەكتە. تۈنۈگۈن يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن كرىستوفىر سمىتمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، گوگۇل شىركىتىنىڭ قارارىنى مەدىھىيىلىگەن. كرىستوفىر باياناتىدا، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ توغرا ئۇچۇرغا ئېرىشىشنىڭ، شۇنداقلا ئەركىنلىكنىڭ ۋاسىتىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى، ھەرگىز خەلققە زۇلۇم سالىدىغان ۋاستە بولۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن، ئۇ بۇ نۇقتىدا مۇنداق دېگەن: "دىكتاتورلار مەۋجۇدىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئىككى نەرسىگە مۇھتاج، بىرى تەشۋىقات، يەنە بىرى پايلاقچى؛ ئەگەر ئىنتېرنېت ھۆكۈمەت تەرەپتىن سۇيىئىستېمال قىلىنسا، يۇقىرىقى ئىككى خىل ۋاستىنىڭ ھەر ئىككىسى بولالايدۇ."

كرىستوفىر سمىت باياناتىدا يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ رەھبەرلىرىنى يەر شارى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى قانۇنى لايىھىسىنى دۆلەت مەجلىسىدە پات يېقىندا ئاۋازغا سېلىشقا چاقىرغان. مەزكۇر قانۇن لايىھىسى ئۆتكەن يىلى دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالاقىدار كومىتېتلىرىدا مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن، ئومۇمى مەجلىستە تېخى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان ئىدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، گوگۇل ئىنتېرنېت شىركىتى خىتايچە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى 2000 - يىلى تۈزۈپ چىققان، مۇلازىمەتنى بولسا 2006 - يىلى باشلىغان. مۇلازىمەتنى يېڭى باشلىغاندا، گوگۇل خىتاينىڭ زىيانلىق ئۇچۇرلارنى چەكلىشىگە ماقۇل بولغان، ئەمما قانداق ئۇچۇرلارنىڭ زىيانلىق سانىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق توختالمىغان.

بۇ قېتىم گوگۇلنىڭ شىركەتنىڭ ئەخلاق پرىنسىپىنى قوغداش ئۈچۈن 200 مىليون دوللارلىق كىرىمىدىن ۋاز كېچىشى، شىركەتنىڭ ئىناۋىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ۋە تىجارەتتە تېخىمۇ ئۇزاقنى كۆزلەش دەپ قارالماقتا. يەنە بەزىلەر، گوگۇلنىڭ بۇ قارارىدا گوگۇل شىركىتىنىڭ باشلىقى سەرگېينىڭ ئائىلە تارىخىنىڭ رولى بارلىقىمۇ تىلغا ئېلىنماقتا. سەرگېي بالا ۋاقتىدا يەنى 1973 - يىلى ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى، كوممۇنىزمنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئامېرىكىغا قېچىپ كەلگەن.

يەنە بەزى مەتبۇئاتلاردا، گوگۇلنىڭ بۇ قارارىدا شىركەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ رول ئوينىغانلىقى بايان قىلىنماقتا. يەنى گوگۇلنىڭ يىللىق كىرىمى 22 مىليارد دوللار بولۇپ، 200 مىليون دوللارلىق پايدىدىن ۋاز كېچىش، شىركەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا دەخلى قىلالمايدىغانلىقى يېزىلماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.